9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى،«دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات يەكەن ناھىيەسىدىكى ۋاڭ ئەپەندىمگە چىقتى! بۇ كۈن ۋاڭ ئەپەندىگە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر كۈن بولدى! نىشمقا؟ ئەلۋەتتە تەلەي كىلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن !
ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئۇسۇلى ئاددىي، تۈرى كۆپ، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئويۇن ئالاھىدىلىكى ۋاڭ ئەپەندى ۋە باشقا لاتارىيەچىلەرنى ئۆزى جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە. ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دائىم ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى 65310142 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىنايدۇ، ئۇنىڭ تەلىيى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس، كىچىك مۇكاپاتلار دائىم ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ.
9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65310142 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائاليىتىدىكى«ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ 50 يۈەن» لاتارىيە بېلىتى ۋاڭ ئەپەندىنى جەلپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر نەچچە تال سېتىۋېلىپ ئەستايىدىل قىرىشقا باشلىدى. بىرىنچى لاتارىيە ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇكاپات چىقمىدى، سەل ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى، لېكىن ۋاڭ ئەپەندى خۇشاللىقنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا پەيدا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى ئاستا-ئاستا قېرىشىغا ئەگىشىپ، مۆجىزە راستتىنلا يۈز بەردى!
بىر «يۇلتۇز» چىقتى، ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن، ئۇ بۇ لاتارىيە بېلىتىدىكى بارلىق مۇكاپات پۇلىنىڭ يىغىندىسىغا، يەنى 10 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيەت قائىدىسىگە ئاساسەن، ئۇ يەنە نورمىدىن سىرت 10 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدۇ! يەنى جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى!
قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئېلىۋاتقاندا، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ" ئىسمى جىسمىغا لايىق بېلەت ئىكەن، بەك قالتىس ئىكەن! مەن مۇشۇنداق لاتارىيە بېلىتىگە ئامراق، بۈگۈن ئەسلىدە تەلىيىمنى سىناپ باقماقچى ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن 20 مىڭ يۈەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! مەن بەك خۇشال بولدۇم»-دېدى.