يىن ئەپەندىم: بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم

2020-11-10
來源:

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى ۋە سېتىۋېلىپلا قىرىش ھەمدە پاراۋانلىق لاتارىيەسى باشقا ئۇيۇنلىرىغا ئوخشاش تەلەي مۇكاپاتىغا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئارال شەھىرىدىكى لاتارىيەچى يى ئەپەندى 23 ـ ئۆكتەبىر مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

يىن ئەپەندى پىشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانقىنىغا 17 يىل بولغان، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، بوش ۋاقىتلىرىدىمۇ بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، يىن ئەپەندى تاماقتىن كېيىن ئۆيى ئەتراپىدىكى 65298091 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، لاتارىيەچى دوستلار بىلەن بىرلىكتە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلدى. شۇ قارارلىق قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى كۈتۈۋاتقاندا، يىن ئەپەندى يەنە بىر لاتارىيەچى بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، كىم بىلسۇن، پاراڭلاشقانسېرى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىيلەن شۇ كۈندىكى كىمنىڭ ئامىتى بارلىقىغا قاراپ بېقىشنى دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئايرىم ـ ئايرىم 100 يۈەندىن پۇل چىقىرىپ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى.

يىن ئەپەندى 10 دانە« ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى، لاتارىيە بېلىتى قىرىپ بەشىنچى پارچىسىنى قىرىۋاتقاندا، يىن ئەپەندىنىڭ قۇلىدىكى لاتارىيە بېلىتىدىكى« مۇكاپات نومۇرى» «34» بولۇپ، بۇ نومۇر ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا يىن ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، بېلەت قىرىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. لېكىن تۆتىنچى رەت «مېنىڭ نومۇرۇم» قىرغاندىن كىيىن « 34» نۇمۇر پەيدا بولدى، كەينىدىكى مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ يۈەن دەپ يېزىلغان ئىدى. يى ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى، لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ قايتاـ قايتا جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ 400 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە يىن ئەپەندى مۇنداق دېدى:« مەن ئادەتتە قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، ئىككى-ئۈچ تال قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتىم، شۇ كۈنى كەيپىياتىم ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار بىلەن بەسلىشىپلا بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتىنى ئارتۇق سېتىۋالغان ئىدىم، بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ھازىر ئويلىسام ھەيران قالىمەن.»-دېدى.

3.png