ئامەتلىك لاتارىيەچى «چىلېسەي» ئۇيۇنىدا 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2020-11-10
來源:

«چىلېسەي» ئويۇنى جانلىق، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تېخىمۇ كۆپ لاتارىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى جاۋ ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، جاۋ ئەپەندى بۈگۈر ناھىيەسى شەھەر ئاھالىسى كوچىسىدىكى 65280227 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ «چىلېسەي» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرىدىن تەركىب تاپقان« 05، 08، 09، 01، 11، 51، 52، 62» دېگەن نومۇردىن پايدىلىنىپ قايتىلانما دو تىكتى، دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، لاتارىيەنى يانچۇقىغا سېلىپ، باشقا ئويۇنلار بىلەن بولدى.

ئىككىنچى كۈنى كەچتە، «چىلېسەي» ئويۇنى 2020065-قارار مۇكاپات نومۇرى« 08، 09، 01، 11، 15، 25، 26» نى ئېلان قىلدى، جاۋ ئەپەندى خۇشاللىق بىلەن ئۆزى تاللىغان نومۇرنىڭ يەتتە نومۇرى بىلەن مۇكاپات نومۇرى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. جاۋ ئەپەندى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە بىرقانچە كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 1 مىليون 42 مىڭ 502 يۈەن بولدى. جاۋ ئەپەندى شۇ ھامان خۇشاللىقىدىن ھوشىدىن كەتكەندەك ھېس قىلىپ، ھاياجىنىنى باسالماي قالدى، جاۋ ئەپەندى دەرھال خوتۇنىغا تېلېفون بېرىپ، مۇكاپات چىققان بۇ خۇش خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتتى.

جاۋ ئەپەندى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈردى، ئۇ يەنىلا خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىدى، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ نومۇرىنى مەن چىڭ ساقلاپ كېلىۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، ئىلگىرىمۇ "چىلېسەي" دىن كۆپ قېتىم كىچىك مۇكاپاتلارنى ئالغان، چۈنكى دو تىككەن نومۇر ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ناھايىتى قالتىس ئىش بولدى! مەن بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

4.png