ئامەتلىك لاتارىيەچى گۇ خانىم 134 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2020-11-11
來源:

بىر يوپۇرماق بىلەنلا كۈزنىڭ قانچىلىك ئاۋاتلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ، كەچ كۈز ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئوت-چۆپلەر زەئىپلىشىپ قىش كېلىشكە باشلايدۇ.

قىش پەسلىدىكى سوغۇق 3D ئويۇنىنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن باشلاپ، 3D ئويۇنى 16 مىليون 500 مىڭ يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەت باشلىنىشى بىلەنلا، لاتارىيەچىلەر ئارىسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك لاتارىيە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى قوزغالدى.

10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، قومۇل شەھىرى 65220152 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى گۇ خانىم 30 مىڭ يۈەن قۇشۇپ بېرىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي 134 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، گۇ خانىم ئادەتتە 3D ئويۇنى ئويناشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، چۈنكى بۇ خىل ئويۇننىڭ نومۇرى كۆپ ئەمەس، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، قىزىقارلىق ئىكەن.

10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، گۇ خانىم قومۇل پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. گۇ خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«شۇ كۈنى مەن نومۇر تاللىغاندا نۇمۇرنىڭ يۈزلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ چىقتىم، 3D سېتىۋالغاندا "تىك سىزىق" نىڭ چاستوتىسىنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۆڭۈلدىكى نومۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ چىقتىم.»-دېدى، ئەڭ ئاخىرىدا گۇ خانىم«5» ، «4» ، «7» دېگەن ئۈچ نومۇرغا دو تىكتى ھەمدە ئۇنى يەككە ھالدا 50 ھەسسە تاللاپ دو تىكتى.

3D ئويۇن مۇكاپات قائىدىسىگە ئاساسەن: يەككە تاللاش مۇكاپاتىدا ھەر بىر دو ئۈچۈن 300 يۈەن نەق پۇل تارقىتىلىدۇ، گۇ خانىم 100 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ يۈەن بولدى، جەمئىي ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 134 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئارتۇق چىققان 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى كۈرۈپ گۇ خانىم كۈلۈپ كەتتى، ئۇ خۇشال ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:« نومۇر تاللاپ دو تىكىش پەقەت ئادەتتىكى تۇرمۇشقا ئازراق خۇشاللىنارلىق ئىش قۇشۇش، مۇكاپات چىقسا ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ، مۇكاپات چىقمىسا، بۇ بىر قېتىملىق "ئەقلىي كۈچ سىناش"ھېسابلىنىدۇ.»- دېدى.