«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، لاتارىيەچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن بېكەت ـ نۇقتىلار «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتى سەۋەبىدىن نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى. 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن «لىنكولىن» ماركىلىق ئاپتوموبىل ئاخىرى مەيدانغا چىقتى،ئامەتلىك يىگىت لى لۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاتارىيەچى بولدى.
10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، لى لۇڭ دوستى بىلەن بازار ئايلانغاندا، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بېيتۈن شەھىرىدىكى 65430114 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتتى، ئۇ ئىشىك ئالدىغا چاپلاپ قويۇلغان «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» تەشۋىقات ۋارىقىنى كۈرۈپ قالدى ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا نۇرغۇن رەڭدار لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. لى لۇڭ بىر چەتتە تۇرغان دوستىغا:«ـــ قاراڭلار! پاراۋانلىق لاتارىيەسى يەنە لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ، بۇ قېتىم لىنكولىن ئاپتوموبىلى مۇكاپاتى بار ئىكەن، بىزمۇ بىر ئىككى پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقايلىمۇ؟ نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر سېتىۋېلىپتۇ .»-دېدى. بىر چەتتە تۇرغان دوستى دەرھال:«ـــ سېتىۋالايلى، بۈگۈن كىمنىڭ لىنكولىن ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتەلەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى، »ـــ دېدى. ئىككىيلەن تېز قەدەملەر بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەلدى، بىرى 10 تالدىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى، لى لۇڭ ئۈچ پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بۇلۇپمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ دوستى 100 يۈەنگە ئېرىشتى، لى لۇڭ مەسخىرە قىلىپ: «قارىغاندا بۈگۈن مېنىڭ تەلىيىم كەلمىگەن ئوخشايدۇ» دېدى. ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تۆتىنچى پارچىسىنى قىرىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ قۇلىدىكى لاتارىيە بېلىتىدىن «ماشىنا» دېگەن بەلگە چىقتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: «تېز قاراڭلار! ماشىنا مۇكاپاتى!» دېدى، يېقىن دوستى ئۇنىڭغا قاراپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «بۇرادەر، سىز بەك قالتىس ئىكەنسىز، لىنكولىن ماشىنا مۇكاپات سىزنىڭ بوپتۇ!»-دېدى.
مال ساتقۇچ خادىم ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇكاپات بېلىتىنى كۈرۈپ تەكشۈردى، ئۇ ئىنتايىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«شۇنچە يىلدىن بۇيان، بۇ بىزنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىمىزدىن تۇنجى قېتىم ئېسىل ماشىنا مۇكاپاتى چىقىشى، مەنمۇ سىز ئۈچۈن خۇشال بولدۇم!»-دېدى ، ئارقىدىن تەشۋىقات لوزۇنكىسى ئېسىپ، پوجاڭزا ئېتىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى تەبرىكلىدى.
11- ئاينىڭ بېشىدا، لى لۇڭ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئامراق ئاپتوموبىلىنى ئالدى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:«مەن بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، دائىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىشىم كېرەك، ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا پويىزغا ئولتۇرىمەن، بۇ قولايلىق ئەمەس، بۇ ئاپتوموبىل بولسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سەپەرگە چىقالايمەن، پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغانلىقىغا رەھمەت، مەن بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.