تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە«مۇكاپات ئۇۋىسى» پەيدا بولدى

2020-11-12
來源:

پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلەت تۈرى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، « ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» پۈتكۈل تۇرپان پاراۋانلىق لاتارىيە بازىرىنى قاپلىدى، مەيلى كونا لاتارىيەچىلەر بولسۇن، ياكى بۇرۇن قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنى ئويناپ باقمىغان لاتارىيەچىلەر بولسۇن، ھەممەيلەن بۇ يېڭى لاتارىيە بېلىتىگە قىززىقىپ كەتى. نېمىلا دېگەن بىلەن مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ۋە لىنكولىن ئاپتوموبىلىنىڭ سېھرىي كۈچى ناھايىتى زور ئىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە«مۇكاپات ئۇۋىسى» __ 65218015 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بارلىققا كەلدى، بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى قالتىس ئىكەن! ئالدى بىلەن 9-ئاينىڭ 11-كۈنى مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققان بۇلۇپ، ئاندىن يەنە 10-ئاينىڭ 17-كۈنى لىنكولىن ئېسىل ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىقتى. ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق«مۇكاپات ئۇۋىسى» دېيىشكە بۇلاتتى!

10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كەچتە، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولغان لاتارىيەچى يۈسۈپ دوستلىرى بىلەن بىللە 65218015 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، چۈنكى كۈندۈزدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ۋاقىتتا يۈسۈپ دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ مۇنداق دېدى:«يېقىندا بىزنىڭ بۇ يەردىكى 65218015 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىر مىليون يۈەن مۇكاپات چىقتى! مېنىڭمۇ بېرىپ تەلىيىمنى سىناپ باققۇم بار، بىراق بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۈلگۈرەلمىدىم، بۈگۈن بىكار بولغاندىن كېيىن ئىككىمىز بىللە بېرىپ تەلىيىمىزنى سىناپ باقايلى!»-دېدى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ دوستى بىلەن بىللە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە كۆرگەزمە ئىشكاپىغا ئالدىغا كۆز يۈگۈرتتى، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭدىن: « < ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر> ھازىر ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى، مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بار، لىنكولىن داڭلىق ئاپتوموبىل مۇكاپاتى بار، بىر نەچچە تال سېتىۋېلىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقامسىز؟ » دەپ سورىدى. يۈسۈپ دوستى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر قاتار «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئولتۇرۇپ قىرىشقا باشلىدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىغا كەلگەندە، لاتارىيە بېلەت يۈزىدە« ئاپتوموبىل» بەلگىسى پەيدا بولىدۇ. ـــ« مۇكاپات چىقتى! مۇكاپات چىقتى! ماڭا ياردەم قىلىپ قاراپ بېقىڭ، مۇكاپات چىقتىمۇ؟» ــ دەپ سورىدى يۈسۈپ ھاياجانلانغان ھالدا. ـــ «توغرا، سىز لىنكولىن ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتىڭىز، مۇبارەك بولسۇن! »ـــ دېدى مال ساتقۇچى خۇشال ھالدا. ئېنىق جاۋابنى ئاڭلاپ يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى چاۋاك چېلىپ تەبرىكلىدى ۋە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

ـــ «راست گەپنى قىلسام، مەن ھازىرغىچە چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.»-دېدى يۈسۈپ شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا.

1.png