ئالتۇن كۈزدىكى 10 ـ ئاي مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلدە «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتى ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئانىنىڭ چېھرىدىن كۈلكە جەۋلەندۈردى. ۋاڭ ئانا پاراۋانلىق لاتارىيە لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى، بولۇپمۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتىكى لاتارىيە تۇرمۇشىدا ئۇ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ سېتىۋالسىلا ھامان بىر كۈنى كاتتا مۇكاپات چىقىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى.
10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ۋاڭ ئانا 65010619 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەن چاغدا، شۇ كۈنى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات ئېچىلىش كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىككى دو «قوش رەڭلىك توپ» يەككە نومۇرى بىلەن يېڭىدىن تاللانغان ئۈچ دو «قوش رەڭلىك توپ» يەككە نومۇرىنى قوشۇپ، بىر دانە بەش دو نومۇرى بار لاتارىيە بېلىتىگە ئىككى ھەسسە دو تىكتى. تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020104-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى« 04، 08، 01، 61، 72، 92، 09» بولۇپ، ۋاڭ ئانا سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىنىڭ بىر دو نومۇرى شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىدىكى قىزىل توپقا ماس كەلگەن، يەنە بىر دو نومۇرى كۆك توپقا ماس كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاڭ ئانا 2 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە 2 دو 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 349110 يۈەن بولدى. ـــ «راستتىنلا كۆڭۈل قويۇپ گۈل تىكسە ئېچىلمايدۇ، ئويلىمىغان يەردىن مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇرىدۇ!-دېگەندەك ئىش بولدى، مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن تاللىغان 2 دو« قوش رەڭلىك توپ» نومۇرغا مۇكاپات چىقمىدى، ئەكسىچە خالىغانچە تاللىغان 3 دو نومۇر ماڭا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى! بۇ ھەقىقەتەن خۇش خەۋەر!»-دېدى ۋاڭ ئانا ھاياجانلانغان ھالدا مال ساتقۇچىغا.
ئىككىنچى كۈنى، ۋاڭ ئانا شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:« بۇ قېتىم گەرچە< قوش رەڭلىك توپ> نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرساقلا، ئامەت ھامان كىلىدۇ!»-دېدى.