ئالتۇن كۈزدىكى 10 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەر يەنە بىر قېتىم قوش رەڭلىك توپ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىنى كۈتىۋالدى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت قوش رەڭلىك توپ 2020111 ـ قارار (11 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىدۇ) دىن باشلىنىپ، 20 قارار داۋاملىشىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى 65010240 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچى ماۋ ھەدە مۇكاپات تارقىتىش تەييارلىقىنى بالدۇرلا قىلىپ بولدى. ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېلان، لوزۇنكا، يەنە قوش رەڭلىك توپ تەتقىق قىلىش جەدۋىلى ۋە سۈرۈشتۈرۈش كىتابلىرىنى تىزدى، ئۈستەل ئۈستىگە لاتارىيەچىلەرگە نومۇر تاللايدىغان قەلەم، دەپتەر، يەنە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۇكاپات چىققان سانلىق مەلۇماتلارنى تولۇق تەييارلىدى، يەنە لاتارىيەچىلەرگە پۈتۈن كۈن چاي بىلەن تەمىنلىدى. ماۋ ھەدە ئىزچىل لاتارىيەچىلەر ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ كەلدى، مەيلى قانچىلىك كەچ ياكى قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، لاتارىيەچىلەرنىڭ سۇئاللىرىغا كۆڭۈل قويۇپ جاۋاب بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى لاتارىيەچىلەر بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى بوش ۋاقىتلىرىدا قوش رەڭلىك توپ يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، لاتارىيەچىلەرگە قوش رەڭلىك توپ تەكرار نومۇرىنى تەۋسىيە قىلدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلگەن ھەر بىر لاتارىيەچى بىلەن ھەمىشە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ پونكىتىدىن ئىزچىل ئادەم ئۈزۈلمەيتتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى 65010767 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى مال ساتقۇچى پاڭ ھەدە ئىزچىل قوش رەڭلىك توپ مەستانىسى بولۇپ، ئۇ ھەر قاراردا دو تىكىدۇ. قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى كاتتا مۇكاپات قۇشۇش پائالىيتى يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ، پاڭ ھەدە بالدۇرلا دو تىكىش پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەرگە مۇكاپات قۇشۇش قائىدىسىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. پاڭ ھەدە دائىم: « لاتارىيەچىلەر دو تىكىشنى ئۆگەنسۇن، كۆپچىلىك بىللە ئوينايلى، ئادەم كۆپ بولسا، كۈچ كۆپ بولىدۇ، ئاندىن قىزىقارلىق بولىدۇ»-دەيتتى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتقا كەلگەن لاتارىيەچىلەر ئوينىيالمىسىلا، پاڭ ھەدە سەۋرچانلىق بىلەن قايتاـ قايتا تەلىم بېرىپ، تاكى لاتارىيەچىلەر ئۆگىنىۋالغانغا قەدەر سۆزلەپ بېرەتتى.
لاتارىيەچىلەر لاۋجاڭ 65010767 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇ قوش رەڭلىك توپنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرگە :« بىلەمسىلەر؟ بۇ يىل پەقەت يەككە لاتارىيە بېلىتى 20 يۈەندىن ئاشسا، بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات پائالىيىتىگە قاتنىشىپلا قالماي، يەنە ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر قاتلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ! » « دو تىكىش سوممىسى 20 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلار 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ. » « 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىليون يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ!»، كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن مۇزاكىرە قىلدى. ـــ قارىغاندا، كۆپچىلىك مۇكاپات تارقىتىش قائىدىسىنى ناھايىتى پۇختا ئىگىلەپتۇ ـ دە! ـــ دېدى مال ساتقۇچى خادىم پاڭ ھەدە.
ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەييارلىق قىلىپ بولدى، لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى بەس ـ بەستە يەڭلىرىنى تۈرۈپ تەقەززار بۇلۇپ تۇرىدۇ، قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى مۇكاپات قۇشۇش پائالىيتدىكى تۇنجى كاتتا مۇكاپات كىمنىڭ قولىغا چۈشىدۇ؟