قازاق يىگىت بېك 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2020-11-16
來源:

چۇقۇم مۇكاپاتقا ئېرىشىمەن دېگىلى بولمايدۇ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا نورمال روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، ئەمما تەلەي سىزگە قاراپ كەلگەندە، توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. قازاق لاتارىيەچى بېك خىزمەتچى بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا لاتارىيە سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

بېك 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بېيتۈن شەھىرىدىكى 65430108 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە سېتىۋالدى. لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا بىر نەچچە قېتىم دو تىكتى، مال ساتقۇچى بېلەت چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، بېك «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن بەش يۈەنلىك «تەلەيلىك پەيت» لاتارىيە بېلىتدىن بىرنى ئالدى. پۇل تۆلىگەندە بېك مال ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى:«مەن ئەزەلدىن قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ باقمىغان، بۈگۈن مەن بىر پارچە < تەلەيلىك پەيت > ناملىق لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالدىم.»-دېدى، مال ساتقۇچىمۇ جاۋاب قايتۇرۇپ:« تەلەيلىك پەيت دېگەن بۇ ئىسىم ياخشى، بەلكىم سەل تۇرۇپ سىزنىڭ " تەلەيلىك پەيتىڭىز" بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!»-دېدى. ئارقىدىن بېك خۇشال ھالدا لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ لاتارىيە بېلىتىدىن 100 مىڭ يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، بېك ھاياجانلانغان ھالدا سەكرەپ كەتتى، مال ساتقۇچى خادىم بېلەتنى كۆرگەندىن كېيىن بېككە بەخت تىلىدى.

ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا، بېك ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بولدى، شۇنچە يىلدىن بۇيان لاتارىيە سېتىۋېلىشتا مەن ئاساسەن كومپيۇتېر بېلىتىنى ئاساس قىلاتتىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىم، تەلىيىمگە 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە تېخىمۇ كۆپ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنلىرىنى سىناپ باقىمەن!»-دېدى.

2.png