ئۇ 10 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى

2020-11-17
來源:

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» 1 مىليارد 200 مىليون مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى باشلاندى! يەككە لاتارىيە بېلىتىدە دو تىككەن سومما 20 يۈەندىن ئاشسا (20 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، يەككە دو   بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەن بولىدۇ!

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ما ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ مەستانىسى بۇلۇپ، «قوش رەڭلىك توپ» سېتىۋالغىنىغا ئالتە ـ يەتتە يىل بولدى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، چوڭ مۇكاپات كۆپ بولمىسىمۇ، كىچىك مۇكاپاتنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن ئىدى، بەش يۈەن، ئون يۈەن، 200 يۈەنلىك مۇكاپاتلار دائىم چىقىپ تۇراتتى. « قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن، ما ئەپەندى دو تىكىش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، 7 + 1 نىڭ 14 يۈەنلىك تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلىدىن 8 + 1 نىڭ 56 يۈەنلىك تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلىغا تەڭشىدى.

8-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن ئاشقاندا، ما ئەپەندى ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى 65220103 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مۇكاپات نومۇر يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ما ئەپەندى 2 دىن 3 كىچە نومۇرنىڭ چۈشۈپ قالىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. « نومۇر چۈشۈرۈش» دېگىنىمىز، لاتارىيەچىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر خىل ئاممىباب ئاتاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى: بىر قانچە نومۇر ئالدىنقى قارار بىلەن ئوخشاش بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ما ئەپەندى كەسكىنلىك بىلەن ئۈچ «چۈشۈش نومۇرى» نى تاللىدى، ئاندىن يەنە بىر نەچچە كۆڭۈلدىكى نومۇرنى تاللىدى، كۆك توپ نومۇرىنى تاللىغان چاغدا، يېنىدىكى لاتارىيەچى دوستى«16» نى تاللاش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن ما ئەپەندى«16» نىڭ يېقىنقى بىر نەچچە مەزگىلدە پەيدا بولۇشى سەل-پەل كۆپ بولۇپ، بىر نەچچە مەزگىلدىن كېيىن ئاندىن چىقىدۇ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە«16» نى تاشلاپ كۆك توپ «14» نى تاللىدى. نەتىجىدە شۇ نۆۋەتلىك مۇكاپات ئېچىلغاندا، ما ئەپەندىنىڭ قىزىل توپ نومۇرى تولۇق چىققان، كۆك توپ نومۇرى دەل«16» بولغان.

شۇنداق قىلىپ، ما ئەپەندى 10 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى، پەقەت 1 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات، 12 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە 15 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 367 مىڭ 180 يۈەن بولدى.

11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغان ما ئەپەندى ناھايىتى پۇشايمان قىلىپ مۇنداق دېدى:«پۇشايمان قىلدىم! باشقا لاتارىيەچىلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، بۇندىن كېيىن لاتارىيە سېتىۋالغاندا چوقۇم باشقىلارنىڭ پىكىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، بىر نومۇرنى ئارتۇق تاللىساممۇ بولىدىغۇ!»-دېدى.

1.png