10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، سانجى شەھىرى 65238022 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، 20 يىلغا يېقىن لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقان ليۇ ئەپەندى 16842 دو «قوش رەڭلىك توپ» 6 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 84 مىڭ 210 يۈەن بولدى.
ليۇ ئەپەندى ئەڭ قىزىقىدىغان لاتارىيە ئويۇنى دەل پاراۋانلىق لاتارىيە « شىنجاڭ جىلۋىسى» 35 تىن 7 نى تاللاش، 25 تىن 7 نى تاللاش، 18 دىن 7 نى تاللاش ئويۇنى ۋە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئىچىدە بولۇپ، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا قارىتا، ليۇ ئەپەندى بولۇپمۇ 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش شارائىتىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى، بىر كۆك توپ چىقسىلا 5 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيتتى، شۇڭا ئۇ قوش رەڭلىك توپ 16 دانە كۆپ توپ تەتقىقاتىغا ماھىر ئىدى. كۆپ قېتىم يەككە سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ليۇ ئەپەندى نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولدى: تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم دو تىكىش بىر قەدەر ئىشەنچىلىك.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، دەل« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ مۇكاپات ئېچىلىش كۈنى، ليۇ ئەپەندى ئەتتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى كەچتە تەتقىق قىلىپ بولغان نومۇرنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىدى. كۆك توپ نومۇرىدىن ئۇ چوڭ نومۇر 12 نىڭ چىقىشى مۇمكىن دەپ بېكىتتى. قىزىل توپ ئۇرغان نومۇردا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا 13 نومۇر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. قايتا–قايتا دەلىللەش ئارقىلىق تاسقاپ تاللىغاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 19 دا، ليۇ ئەپەندى 65238022 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى يۆلىنىش خەرىتىسىنى داۋاملىق كۆزەتتى، ئۆزى تاللاپ چىققان بۇ نومۇرلارنىڭ يەنىلا يامان ئەمەسلىكىنى دەلىللەپ بولغاندىن كىيىن 1 دو 11 + 1، 2 دو 10 + 1 قايتىلانما نومۇرغا نەچچە ھەسسە دو تىكتى، ئاندىن رازى بولغان ھالدا كېتىپ قالدى.
كەچ سائەت 22 دىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى يانفوندا« قوش رەڭلىك توپ» 2020099-قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولدى، ۋە كۆك توپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى ناھايىتى خاتىرجەم بولدى. قىزىل توپ نومۇرىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر قىزىل توپمۇ چىقمىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن دەرھال دو پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ليۇ ئەپەندىنىڭ ئۈچ پارچە قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىدە جەمئىي 84 مىڭ 210 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، مۇكاپات ئالغان ليۇ ئەپەندىم ھەم خۇشال بولغانلىقى، ھەم ئازراق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتتى، دو تىككەندە مەبلەغنى تېجەش ئۈچۈن، تاللانغان نومۇردىن بىر نەچچىنى چىقىرىۋەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ نومۇر مۇكاپات نومۇرى بولۇپ، بولمىسا ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بولاتتى.
مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى تەمكىنلىك بىلەن سەل ئەپسۇسلانغان ھالدا: « ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدا پۇل تېجەپ قالىمەن دەپ بىر نەچچە قىزىل توپ نومۇرىنى چىقىرىۋەتمىگەن بولسام، مۇكاپات سوممىسى تېخىمۇ كۆپ بولاتتى! لېكىن مەيلى ھازىرمۇ خېلى ياخشى، مۇكاپات چىقىشنىڭ ئۆزى ياخشى ئىش ئەمەسمۇ!»-دېدى.