2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 16 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتى تارقىتىش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، لاتارىيەچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇش خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى. 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، 3D ئويۇنى 2020250-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 863 بولدى، سانجى ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى تاق تاللاش قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 8040 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋۇ ئەپەندى 3D ئويۇندىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئۇنىڭ نەزەرىدە 3D ئويۇنلىرىنى ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى، دو تىكىش جانلىق، قىزىقارلىق بولۇپ، 3D ئويۇنلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.
10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋۇ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش يەنە فۇكاڭ شەھىرى 65232602 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D ئۇيۇنى يۆنىلىش خەرىتىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ خېلى ئۇزاق تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، مال ساتقۇچى لۇ خانىمغا مۇنداق دېدى:«مېنىڭچە، بۇ قارارلىق 3D ئۇيۇنى مۇكاپات نومۇرىدىكى يۈزلەر خانىسىدىكى سان 8 بۇلىشى مۇمكىن، بىرلەر خانىسىدىكى سان 3 بۇلىشى مۇمكىن، ئونلەر خانىسىدىكى ساننىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.»-دېدى، سېتىش خادىمى لۇ خانىم بۇنى ئاڭلاپ، قىزغىنلىق بىلەن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:« ھازىر 3D ئويۇن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، تاق تاللاش مۇكاپاتىغا ھەر بىر دوغا 300 يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ ، مېنىڭچە سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز تولۇق ئىكەن، تەلىيىڭىزنى سىناپ باقامسىز؟»-دېدى، ۋۇ ئەپەندى جاۋاب بەرمەي، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن، يۈزلەر خانىسى 8، ئونلەر خانىسى 01235689، بىرلەر خانىسى 3 نى تاللاپ، ئۈچ ھەسسە تاق تاللاش قايتىلانما دو تىكتى. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە بۇ دو تىككەن نۇمۇرغا يەنە ئۈچ ھەسسە تاق تاللاش قايتىلانما ئۇسۇل بىلەن قۇشۇپ دو تىكتى.
شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 863 بولۇپ، ۋۇ ئەپەندى 6 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 6240 يۈەن بولدى، 3D ئويۇنى مۇكاپات پائالىيىتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، ھەربىر دو مۇكاپاتىغا 300 يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلدى، بۇ ۋۇ ئەپەندىنىڭ 6240 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەندىن باشقا، 1800 يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
مۇكاپات پۇلىنى ئالغان ۋۇ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: « بۇ قېتىم تەلىيىم بەك كەپتۇ! 3D بىلەن راستىنلا تەقدىرىم بار، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئەقلىي ئۇسۇلدا لاتارىيە سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى قوللايمەن!»-دېدى.