ئايگۈل ھەدە 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2020-11-18
來源:

9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قومۇل شەھىرى 65220164 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى چىرايلىق گۈزەل ئۇيغۇر ھەدە «ئايگۈل» نى كۈتىۋالدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا، ئايگۈل ھەدىمىزنىڭ نەزەرىنى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» بېلەت تۈرى جەلپ قىلىۋالدى، ئۇ ئىختىيارسىز «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ » بېلەت تۈرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» نى تەپسىلىي كۆزەتتى.

مال ساتقۇچى شياۋجاڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايگۈل ئاچىغا قارىدى، ئۇ خۇشال ھالدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئاچا، بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا يېڭىدىن كىرگۈزگەن بېلەت تۈرى "ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ". 9-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 0 دىن 10-ئاينىڭ-20 كۈنى سائەت 17 گىچە، مەملىكەت بويىچە "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ" لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مۇكاپات چىققانلارغا مۇكاپات قۇشۇپ بېرىدۇ، يەنى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقسا، نورمىدىن سىرت يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالغىلى بولىدۇ، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقسا يەنە 100 مىڭ يۈەن قۇشۇپ بېرىلىدۇ، 300 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقسا يەنە 300 مىڭ يۈەن قۇشۇپ بېرىلىدۇ، 1 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقسا يەنە 1 مىليون يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى بىر ھەسسە قاتلاندى دېسەكمۇ بولىدۇ، ئاچا، سىناپ باقامسىز؟»-دېدى.

ئايگۈل ھەدە بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال مال ساتقۇچى شياۋجاڭدىن 10 يۈەن، 20 يۈەن ۋە 50 يۈەنلىك« دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلەتلىرىدىن ھەر بىرىدىن ئىككى تالدىن سېتىۋېلىپ، غەيرىتى تولۇپ تاشقان ھالدا قىرىشقا باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن، ئايگۈل ھەدە شياۋجاڭغا قاراپ:« ـــ شياۋجاڭ، ماڭا 10 مىڭ يۈەن چىقتىمۇ قانداق؟»-دېدى، شياۋجاڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇكاپات نومۇرىنىڭ« 53» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، لاتارىيە بېلىتى ئىچىدىكى مېنىڭ نومۇرىم ئىچىدە توپتوغرا 10 دانە « 53» نۇمۇرى بارلىقىنى   بايقىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستىغا مۇكاپات سوممىسى «1000» دەپ يېزىلغان ئىدى، شياۋجاڭ خۇشال ھالدا:« شۇنداق، توغرا ئاچا، سىزگە مۇكاپات چىقتى! سوۋغا قىلغان مۇكاپات پۇلىنى قوشقاندا، 20 مىڭ يۈەن بولىدۇ.»-دېدى.

9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى سەھەردە، ئايگۈل ھەدە كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ھالەتتە قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«مەنمۇ بىر كونا لاتارىيەچى، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئادىتىمنى يەتتە ـ سەككىز يىل داۋاملاشتتۇرۇپ كەلدىم، ئادەتتە ئارىلاپ ـ ئارىلاپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىمنى قوللايدۇ، ئۆزەمنىڭ سېتىۋېلىشقا ۋاقتى يوق چاغلاردا، ئېرىم ماڭا ياردەملىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ.»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىشى تىلغا ئېلىنغاندا، ئايگۈل ھەدە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:« ئالدى بىلەن يولدىشىمغا ئىككى قۇر كىيىم ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدىم، ئاندىن ئۆزىمگە نەرسە-كېرەك سېتىۋالىمەن ، قالغىنىنى كېيىن ئىشلتىشكە قالدۇرۇپ قۇيىمەن.»-دېدى.