قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيتى 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى باشلىنىپ، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى سائەت 17:00 گىچە داۋاملاشتى، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، يەنى 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى فۇكاڭ شەھىرىدىكى 65230213 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» نىڭ لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيەت قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ لاتارىيەچى ھەسسىلەپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەنى بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» نىڭ لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قۇيرۇقىغا يېتىشىۋالغان تەلەيلىك لاتارىيەچى جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ 65230213 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، پونكىتقا كىرىپ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن لاتارىيە بېلىتىنى قىردى، نەتىجىدە«مۇكاپات چىققان نومۇر» نىڭ ئۆزىنىڭ تەلەيلىك سانى 20 ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئارقىدىنلا «مېنىڭ نومۇرۇم» نى قىردى. لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىنى ئەسلىگىنىدە، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « سان 20 كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن ئىكەن، دەسلەپتە مەن 1000 يۈەنلا چىقتى دەپ ئويلىغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن خۇشال ھالدا ساتقۇچى خادىمنى چاقىردىم، مۇكاپات چىقتى! مۇكاپات چىقتى! 1000 يۈەن مۇكاپات چىقتى!»-دەپ توۋلاپ كەتتىم.
مال ساتقۇچى كېلىپ 1000 يۈەن چىققانلىقىنى، ئەمما كەينىدىكى يوپۇقنى قىرمىغانلىقىمنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن داۋاملىق قىردىم، بەلكىم تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ چوڭ مۇكاپاتلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. نەتىجىدە يەنە 1000 يۈەن چىقتى، ئۈچىنچى رەتنى قىرغاندىن كىيىن، يەنە 1000 يۈەن چىقتى. بۇنچە كۆپ 1000 يۈەننى كۈرۈپ، ھاياجانلىنىپ كەتتىم، ئىككى قولۇم تىترىگەن ھالدا داۋاملىق كەينىگە قاراپ قىرىشقا باشلىدىم، نەتىجىدە ھەيران قالارلىق ئىشلار ئۈزۈلمىدى، بۇ لاتارىيە بېلىتىدە ئون قېتىم مۇكاپات چىقتى، ھەر قېتىمدا 1000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن بولدى.
مال ساتقۇچى ھاياجانلانغان ھالدا: « مۇبارەك بولسۇن، مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز، سىز "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ" نىڭ لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قۇيرۇقىغا يېتىشىۋالغان تەلەيلىك لاتارىيەچى ئىكەنسىز، مۇكاپاتىڭىز ھەسسىلىنىدۇ! دېمەك سىزنىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتىڭىز 20 مىڭ يۈەن بولىدۇ، سىز ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنسىز!»-دېدى.