ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەر كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

2020-11-20
來源:

قوش رەڭلىك توپ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى لاتارىيە بازىرىدىكى بىر چوڭ قىزىق نۇقتا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

11-ئاينىڭ 10-كۈنى، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2020112-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، بۇ شۇنداقلا چوڭ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى باشلانغاندىن كىيىنكى 2-قارارلىق مۇكاپات ئېچلىش ئىدى، مەملىكەت بويىچە 14 دو 1-دەرىجىلىك مۇكاپات چققان بۇلۇپ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 6 مىليون 657 مىڭ 801 يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 8 دو 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، نورمىدىن سىرت مۇكاپات سوممىسى 6 مىليون 250 مىڭ يۈەن، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 12 مىليون 907 مىڭ   801 يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 6 دو 1-دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، قوشۇمچە مۇكاپات سوممىسى 833 مىڭ 333 يۈەن بولدى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 7 مىليون 491 مىڭ 134 يۈەن بولدى. 6-دەرىجىلىك مۇكاپات مەملىكەت بويىچە 11 مىليون 509 مىڭ 761 دو چىققان بۇلۇپ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 5 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 7 مىليون 219 مىڭ 50 دو نورمىدىن سىرت 5 يۈەن بىر قاتلانغان مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 10 يۈەن بولدى. بۇ ئويۇننىڭ كېيىنكى قاراردىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 802 مىليون يۈەندىن ئارتۇق، كېيىنكى قاراردىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات سوممىسى 30 مىليون يۈەن، كېيىنكى قاراردىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات سوممىسى 5 مىليون يۈەن، كېيىنكى قاراردىكى ئالتە دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات سوممىسى 441 مىليون يۈەندىن ئارتۇق.

كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغىنى شۇكى، شىنجاڭدىكى لاتارىيەچىلەر مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ 2 ـ قاراردا كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى! پىچان ناھىيىلىك 65212203 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى 7 + 2 تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر دو 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە بىر قانچە كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 13 مىليون 37 مىڭ 310 يۈەن (1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپاتى 6 مىليون 250 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولدى. شۇ قاراردا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 263 دو چىقتى،يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 110.309 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر 11 دو مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 11 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، پىچان ناھىيەسى 65212203 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جۇ ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، 12 مىليون 907 مىڭ 801 يۈەن مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن   پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ مەستانىسى، قوش رەڭلىك توپقا ئالاھىدە مېھرىم بار، بۇ قېتىم مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىنىڭ ياخشى پەيتىگە يېتىشىۋېلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئىز قوغلاشقان تەلەي نومۇرىم 7 + 2 غا دو تىكتىم، ئويلىمىغان يەردىن 10 مىليوندىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! بەك خۇشال بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم!»-دېدى.

شۇ كۈنى، 3D ئويۇن 202020262-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى «706» بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لاتارىيەچىلەر جەمئىي 947 دو تاق تاللاش مۇكاپاتى ۋە 1588 دو گۇرۇپپىلاپ ئالتىنى تاللاشئ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 1 مىليون 624 مىڭ 375 يۈەن (قۇشۇپ بېرىلگەن 363 مىڭ 500 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 65010209 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى 560 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 750 مىڭ 400 يۈەن (قۇشۇپ بېرىلگەن 168 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولدى.

2.png