«لاتارىيەدىن ئامەت كەلدى ، مىليون يۈەن مۇكاپاتلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى» دېگەن گەپ ئېسىڭىزدىمۇ؟ 2020 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 2020 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» 150 مىليون يۈەنلىك لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قومۇل شەھىرىدىكى لاتارىيەچى كاڭ ئەپەندى ئۇزاق ئايرىلغان ھەمراھلىرى بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن، ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى 65225007 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، ئىشىك ئالدىدىكى « لاتارىيەدىن ئامەت كەلدى ، مىليون يۈەن مۇكاپاتلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى» دېگەن تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردى ۋە تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى.
پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆرۈۋاتقان بىر نەچچە لاتارىيەچى بار بولۇپ، پونكىت ئىچىدە تىنچ كەيپىيات ساقلاپ تۇراتتى. كاڭ ئەپەندى كۆرگەزمە ئىشكاپىغا يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلەتلىرىنى كۆرىدى، قارىغانسېرى« دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» بارغانسېرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» تىن ئىككىنى سېتىۋالدى. قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ، ئۇ كۆڭلىدە ئۈن-تىنسىز ئامەتنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
لاتارىيە بېلىتى بىردەم قىرغاندىن كېيىن، كاڭ ئەپەندى ئۈستەلگە شاپىلاقلاپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىرىدى ـــ :«چىقتى! ماڭا مۇكاپات چىقتى!»-دېدى.
ـــ«چىقتى؟ نېمە چىقتى؟ قانچە پۇل مۇكاپات چىقتى؟ !» ــ دەپ سورىدى مال ساتقۇچى خۇشال ھالدا.
ـــ«ماڭا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، ھا ــ ھا! »ـــ دېدى كاڭ ئەپەندى.
ـــ«ئۇنداقتا بەك ياخشى بوپتۇ،" دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ" پائالىيىتى تېخى ئاخىرلاشمىدى، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مۇكاپاتقا ھەسسىلىنىدۇ، سىزگە 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى!» ـــ دېدى مال ساتقۇچى.
مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، كاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا:« ـــ ئادەتتىن تاشقىرى قالتىس، ھەقىقەتەن قالتىس! ئۆزۈمنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىشىمنى ئويلاپ باقماپتىمەن، بەك قالتىس بولدى!»-دېدى.