مارادونانىڭ ئادۋوكاتى ھەم يېقىن دوستى مورا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، مارادونانىڭ ئۆلۈشتىن 12 سائەت بۇرۇن داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭمۇ يېرىم سائەتتە ئاران نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مورا يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازغان:
«بۈگۈن ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان بىر كۈن، مەن ئاخىرقى كۈنگىچە سادىقلىق بىلەن ھەمراھ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى كۈنگىچە قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەن كىشى بىزدىن ئايرىلدى، مەن شەخسەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم.»
«سان ئىسىدرو تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىغا كەلسەك، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، 12 سائەتتىن بۇيان، دوستۇم بۇ ئىشلارغا مەسئۇل سەھىيە خادىملىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېرىم سائەتتىن كېيىن يېتىپ كەلگەن، بۇ ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت.»
«بۇ پاكىتلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن. خۇددى دىياگو ماڭا ئىلگىرى (سەن ئەسكەر، رەھىمدىللىك قىلما) دېگىنىگە ئوخشاش.»
«بۇ ئېچىنىشلىق ۋە ئازابلىق پەيتتە، مەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى: دىياگو مارادونا ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى ئوغلى، ئۇ پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، ئۇ يەنە سەمىمىي ئادەم»