مارادونانىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىز دوستى: رەھمەت سىزگە روھى ھەمراھىم!

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
來源:تېڭشۈن تورى

دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى (شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە) يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئارقىدىنلا مارادونانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قىز دوستى روسىئو ئولىۋا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مارادوناغا تەزىيە بىلدۈردى:

«رەھمەت! رەھمەت! سىزگە كۆپ رەھمەت، مېنىڭ روھى ھەمراھىم!»

ئولىۋا بولسا مارادونانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قىز دوستى بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىللە يۈرگەن ۋاقتى ئالتە يىلدىن ئاشىدۇ، شۇنداقلا ئولىۋا مارادونانىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.