شۇ يەر ۋاقتى 25-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئارگېنتىنا پۇتبول چولپىنى مارادونا قازا قىلدى. كىشىلەر تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خەۋەردىن ئەپسۇسلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىختىيارسىز ھالدا «پۇتبول شاھى» مارادونانىڭ «زور سوممىلىق مىراسى»غا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا قىزىقتى. ئەمما، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مارادونا ۋاپات بولغاندا ئاران 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قالغان بولۇپ، بۇ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا شەخسىي باج مەسىلىسى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.
مارادونا 1984-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە ناپولىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە جەمئىي 37 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 44 مىليون 110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) قەرز بولۇپ قالغان. 2008-يىلى، باج پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ نامىدىكى 150 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن مەجبۇرىي كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان. 2009-يىلى ساقچى تەرەپ 3600 فوندسىتېرلىڭ قىممىتىدىكى بىر جۈپ ھالقىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ ناپولىدىكى مەزگىلىدە تاپشۇرمىغان باج پۇلىنى تۆلەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2019-يىلى مارادونا قىزىغا: «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋاپات بولۇپ كەتسەم، بارلىق مىراسىمنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىۋېتىمەن» دەپ غەزەپلەنگەن.