بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 4-ئايلانمىسىدىكى D گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 0-2 نەتىجىدە ئاتلانتاغا ئۇتتۇرۇپ، ئاجاكس ساھىبخان مەيداندا 3-1 نەتىجىدە مىدتىيلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن، لىۋېرپول توققۇز نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، ئاجاكس بىلەن ئاتلانتا ئوخشاشلا يەتتە نومۇر بىلەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، مىدتىيلاند كوماندىسى بولسا تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولۇپ شاللىنىپ كەتتى.
12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى 5-ئايلانما مۇسابىقىدە، ئاتلانتا ساھىبخان مەيداندا مىدتىيلاند كوماندىسى بىلەن، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا ئاجاكس بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى 6-ئايلانما مۇسابىقىدە، مىدتىيلاند كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا لىۋېرپول بىلەن، ئاجاكس ساھىبخان مەيداندا ئاتلانتا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.