بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، ئۇنداقتا بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى جۇغلانما نومۇر تەرتىپىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بولدى؟
A گۇرۇپپىدا، ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيون بايرېن مىيۇنخېن تۆت ئايلانمىدا تولۇق غەلىبە قىلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى، مادرىد ئاتلېتكا تۆت ئايلانمىدا بەش نومۇرغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن گۇرۇپپىپىدىن چىقىش ئۈچۈن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلىشى كېرەك. موسكۋا پاراۋۇز ئۈچ نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، سالىزبۇرگ قىزىل كالا بولسا بىر نومۇر بىلەن ئەڭ كەينىدە تۇرماقتا.
B گۇرۇپپىدا، بۇ ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مونشېدگىلادباخ سەككىز نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، خانلىق مادرىد يەتتە نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، دونستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى تۆت نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، خەلقئارا مىلان ئىككى نومۇر بىلەن ئەڭ كەينىدە تۇرماقتا. خەلقئارا مىلان گۇرۇپپىدىن چىقماقچى بولسا، كېيىنكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىشى كېرەك.
C گۇرۇپپىدا، مانچېستېر شەھىرى تۆت ئايلانمىدا تولۇق غەلىبە قىلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى، پورتو توققۇز نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلار يەنە بىر نومۇر ئالسىلا گۇرۇپپىدىن چىقالايدۇ. ئولىمپىياكوس ئۈچ نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، مارسېل بولسا تۆت مەيداننىڭ ھەممىىسدە مەغلۇپ بولۇپ شاللىنىپ كەتتى.
D گۇرۇپپىدا، بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن، لىۋېرپول توققۇز نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، ئاجاكس بىلەن ئاتلانتا ئوخشاشلا يەتتە نومۇر بىلەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، مىدتىيلاند كوماندىسى بولسا تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولۇپ شاللىنىپ كەتتى.
E گۇرۇپپىدا، چېلسى بىلەن سېۋىللا ئوخشاشلا 10 نومۇرغا ئېرىشىپ، مۇددەتتىن ئىككى ئايلانما بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى، كراسنودار كوماندىسى بىلەن رېننېس بولسا بىردىن نومۇرغا ئېرىشىپ شاللىنىپ كەتتى، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان بىر ساننى تالىشىدۇ.
F گۇرۇپپىدا، دورتمۇند توققۇز نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، لازىئو سەككىز نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى كوماندا گۇرۇپپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك نومۇرغا ئېرىشەلمىدى. برۇگېس تۆت نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، زېنت بولسا بىر نومۇرغا ئېرىشىپ شاللىنىپ كەتتى.
G گۇرۇپپىدا، بارسېلونا تۆت ئايلانمىدا تولۇق غەلىبە قىلىپ، ئىككىنچى ئورۇندىكى يۇۋېنتۇس بولسا توققۇز نومۇرغا ئېرىشىپ ئىككى ئايلانما بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى. كىيېۋ دىنامو بىلەن فېرېنسۋاروسى بولسا ئوخشاشلا بىر نومۇرغا ئېرىشىپ شاللىنىپ كەتتى، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان بىر ساننى تالىشىدۇ.
H گۇرۇپپىنىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ، مانچېستېر بىرلەشمىسى تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئۈچ مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ توققۇز نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، پارىژ سانت گېرمان بىلەن لېيپزىگ قىزىل كالا بولسا ئوخشاشلا ئالتە نومۇرغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، ئىستامبول تەنتەربىيەسى بولسا ئۈچ نومۇر بىلەن ئەڭ كەينىدە تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن نەزىرىيە جەھەتتە بۇ تۆت كوماندىنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش پۇرسىتى بار، شۇنداقلا ئوخشاشلا شاللىنىپ كېتىش ئىھتىماللىقىمۇ بار.