دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى، پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇردى ۋە بۇ رىۋايەتلىك چولپانغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.
ئېلىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوخشىمىغان ئۇسۇلغا مارادوناغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، چىڭدۇ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مارادونانىڭ ئىلگىرى چىڭدۇغا كەلگەن ۋاقىتتىكى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىت ھەيدىگەن سۈرىتى ئارقىلىق ئۇنى ياد ئەتتى.
چىڭدۇ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يوللىغان يازما مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
«1996-يىلى مارادونا بوكا ياشلىرى كوماندىسى بىلەن چىڭدۇغا كېلىپ سىچۈەن چۈەنشىڭ كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغان بولۇپ، نەق مەيدان تاماشىبىنغا لىق تولغان ئىدى.»
«ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندىكى سانسىزلىغان مەستانىلەرگە نىسبەتەن ئۆز يۇرتىدا پۇتبول شاھىنىڭ مۇسابىقىسىدىن ھوزۇرلىنىش چەكسىز ئىپتىخارلىق بولۇپ، مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئەسلىمە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا مارادونانىڭ مېھمانخانا ئالدىدا ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىت مىنگەن ۋە ئولتۇرغان ھالىتى ئېلىمىز مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى يەنە بىر نادىر دەقىقە بولۇپ قالدى، ئۇ مەڭگۈلۈك رىۋايەت!»