نۇر تورى تەرجىمىسى:
دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى (شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە) يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى بۇ رىۋايەتلىك شەخىسكە قىيمىغان ھالەتتە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ۋە قايغۇردى. گەرچە ھەممەيلەن بۇ خەۋەرنى تۇنجى ئاڭلاپلا «راسمۇ؟ يالغانمۇ؟» دېيىشىپ ئەس ھوشىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىشى بىلەن يۈرەكلىرى پارە-پارە بولۇشتى، ئەپسۇسلاندى، ئېچىندى...
پۇتبول دۇنياسىدا مارادونا بىلەن بىرگە ئىككى ئەۋلاد پۇتبول شاھى دەپ ئاتالغان پېلى، ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى گىگانىت چولپان، كەلگۈسىدە پۇتبول شاھى نامىغا ئېرىشىشكە سالاھيىتى ئەڭ ماس كېلىدىغان، شۇنداقلا مەستانىلەر تەرىپىدىن ئاللىقاچان «قوش شاھ» دەپ نام ئالغان كرىستيانو رونالدو ۋە مېسسى قاتارلىق توپچىلارمۇ چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە بۇ رىۋايەتلىك چولپانغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
بۇ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئارگېنتىنا ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى، ئارگېنتىنا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ «قەھرىمانى»غا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن دۆلەتتە ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرۈش، دۆلەت دەرىجىلىك دەپنە قىلىش (دۆلەت دەرىجىلىك دەپنە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئومۇملاشقان بولۇپ، دۆلىتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان شەخىسلەرنىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دەپنە مۇراسىمى ئارقىلىق ۋاپات بولغۇچىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.-ت)، شۇنداقلا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە 48 سائەت ساقلاق قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ جەسىتى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىغا كېلىپ ئۆچرەت تۇرۇپ يىغا زار ئىچىدە «قەھرىمان» بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشتى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولىدا مارادونانىڭ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدىكى 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمى بار ئىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىز ۋاسكېتبول دۇنياسىدىكى رىۋايەتلىك چولپان كوبى بىرايېنت بىلەن خوشلاشتۇق، يىل ئاخىرىدا بىز پۇتبول دۇنياسىدىكى رىۋايەتلىك چولپان مارادونا بىلەن خوشلاشتۇق. دۇنياۋى چولپانلارنىڭ ۋاپات بولىشى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ غۇلغۇلا قوزغايدۇ؟ تۆۋەندە بىز شەخسىي كۆز قاراش ۋە مەستانە نۇقتىسىنى قايرىپ قويۇپ، «پۇتبول شاھى» دەپ قارالغان بىر توپچىنىڭ ئارگېنتىنادىكى تەسىر كۈچىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:
مارادونا 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارگېنتىنادىكى فىئورىتو دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك بىر كەنىتتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىدە بالىلارنىڭ بەشىنچىسى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئوغۇل ھېسابلىنىدۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئىسىم، يەنى دېيگو ئارماندو مارادونا (Diego Armando Maradona) دەپ ئاتىغان.
نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان مارادونا كىچىكىدە ھەتتا بىر ۋاق تويغۇدەك تاماق يەپ باقمىغان بولۇپ، ھەر قېتىم تاماق ۋاقتىدا ئانىسى ئۆزىنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىۋاتقانلىقىنى، تاماق يىگۈسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن مارادونا شۇنى ھېس قىلدىكى، ئەينى ۋاقىتتا ئانىسىنىڭ ئاشقازىنى ئەسلا ئاغرىمايدىغانلىقىنى، پەقەت بالىلىرىغا تاماقنى كۆپرەك يىگۈزۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدى. كېيىن ئانىسىغا بولغان سېغىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مارادونا قىزىغا ئانىسىنىڭ ئىسمىنى قويقان.
مارادونا ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا نەۋرە ئاكىسى ئۇنىڭغا بىر پۇتبول بەرگەن بولۇپ، قەلبى خۇشاللىقتا تولغان مارادونا ھەتتا كېچىلىرىمۇ پۇتبولنى قۇچاقلاپ ئۇخلايتتى، كېيىن ئۇ دەل مۇشۇ ئىشلار توغرىسىدا توختىلىپ: «دەل مۇشۇ توپ مېنى پۇتبول دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەن» دېگەن.
مارادونا 10 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا قالتىس تالانتى بىلەن كەسپىي پۇتبول ترېنېرى تەرىپىدىن تاللىنىپ، شۇ جايدىكى بىر ئۆسمۈرلەر كوماندىسى «كىچىك پىياز كوماندىسى» (小洋葱球队)گە تاللانغان. ھەر قېتىم مەيدانغا چىققاندا ئۇ ئەڭ يارقىق نۇقتا بولۇپ قالغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا «خۇددى سېھرىگەرگە ئوخشاش، ھېچكىم ئۇنىڭ پۇتىدىكى توپنى تارتىۋالالمايتتى!» دەپ باھا بەرگەن.
بۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر چېتىدا ئاللىقاچان 30 ياشقا كىرگەن پېلى 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنىڭ قىممىتىنى يارىتىپ كەسپىي ھاياتىدىكى 3-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ۋاقىتتىكى مارادونا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە پېلى بىلەن ئوخشاش داڭق قازىنالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئىپادىسى كۈندىن كۈنگە قالتىس بولۇۋاتقان مارادونا 14 ياش ۋاقتىدا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ئۆرلەپ چىققان بولۇپ، ناھايىتى تېزلا كوماندىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان ۋە 166 مەيدان مۇسابىقىدە 116 توپ كىرگۈزگەن. ئىزچىل رەت تەرتىپتە ئاخىرىدا تىزىلغان كوماندا ناھايىتى تېزلا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشتىكى قىزىق نۇقتىلىق كوماندىغا ئايلانغان. مارادونا مۇسابىقە كىيىم نومۇرىنى ئىلگىرىكى 16-نومۇردىن 10-نومۇرغا ئۆزگەرتكەن. بۇ ۋاقىتتا مارادونا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىككى ئارزۇيۇم بار، بىرى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش، يەنە بىرى بولسا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغان ئېرىشىش!»
ياشلىق، شاشلىق! ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان مارادونا 1977-يىلى ئارگېنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. كېيىنكى يىلى ئۇ جەمئىي 26 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس نەتىجىسى بىلەن ئارگېنتىنا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنگە ئايلانغان ۋە بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەڭ ياش توپچى بولۇپ قالغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى 18 ياشقا توشمىغان ئىدى.
ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلىقى مارادونا ئۈچۈن كىچىك سەھنىگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇ تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە تەشنا ئىدى. 1982-يىلى ئۇ بەش مىليون فوندستېرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىكى زەردار كوماندا بارسېلوناغا قوشۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا باھاسى مىليون فوندستېرلىڭغا يەتكەن توپچىلار پەقەت بىر نەچچە نەپەر بولۇپ، مارادونا دەل ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
1986-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى دەل مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر پەيت ھېسابلىنىدۇ. ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر توپ بىلەن ھەممەيلەنگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقىغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكا بولمىغان بولغاچقا، رېپىر بۇ توپنىڭ مارادونانىڭ قولىغا تەگكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن. بۇ ۋاقىتتا مارادونا بۇ توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن سەپداشلىرىنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ بىرلىكتە تەبرىكلىشىنى ساقلىغان، لېكىن سەپداشلىرى بۇ توپنى چوقۇملا قول توپ بولدى دەپ قاراپ مارادونانىڭ قېشىغا كەلمىگەن، لېكىن مارادونا دەرھال سەپداشلىرىنى چاقىرىپ ئۆزى بىلەن بىرگە تەبرىكلەشكە دەۋەت قىلغان، ئۇنىڭ زېرەكلىكى بىلەن «كۆز بويامچىلىقى» ئارقىلىق پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇ نادىر دەقىقىنى ياراتقان. مۇسابىقە داۋاملىشىپ قىسقىغىنا تۆت مىنۇتتىن كېيىن مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى يەنە بىر نادىر دەقىقىنى ياراتقان. يەنى مارادونا ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن بەش توپچىنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ كىرگۈزگەن، بۇ توپ كېيىنچە 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر توپ بولۇپ باھالانغان، شۇنداقلا ئاخىرىدا 1:2 نەتىجىدە ئېنگلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مارادونا چاقچاق قىلىپ: «بۇ توپنى كىرگۈزۈشتىكى يېرىم تۆھپە بېشىمغا، يەنە يېرىمى بولسا قولۇمغا تەۋە!» دېگەن.
لېكىن بىر قىسىم مەستانىلەر ئىزچىل مارادونانىڭ بۇ توپىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، شۇنداقلا بۇ نۇقتا مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى چوڭ گۇمان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ نادىر دەقىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كۆپ يىللاردىن كېيىن مارادونا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقەتەن قول توپ بولغانلىقىنى، يەنى توپنىڭ قولىغا تىگىپ ئاندىن قاپقىغا كىرگەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسى ئارگېنتىنا خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، چۈنكى ئارگېنتىنا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنگىلىيە بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ «ئۆچىنى ئالغان». شۇڭلاشقا مارادونا ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ نەزىرىدە «قەھرىمان»غا ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ چوقۇنغۇچىسى، مەبۇدىسى بولۇپ قالغان.
1986-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن دادىسى مارادونانىڭ مۇسابىقىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كوماندا» دېگەن (بۇنداق دېيىش ئارقىلىق مارادونانىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتقان)، ئېنىقمۇ دادىسىنىڭ بۇ ئامالى ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن، مارادونا مۇسابىقە باشلىنىپ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن ئاتلانغان ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ 2:3 نەتىجىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. كېيىن مارادونا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ «ئەينى ۋاقىت مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، شۇنداقلا ئەڭ شانلىق نەتىجىلەر بولۇپ، چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەندە خۇددى كۆكتە پەرۋاز قىلغاندەك ھېسىياتتا بولغان ئىدىم!» دېگەن.
لېكىن 1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش بولۇپ قالدى، يەنى تېخى ئەمدىلا كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ۋە كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ شان شەرەپكە ئېرىشكەن مارادونا دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىپادىسى چېكىنىشكە باشلىدى.
پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپانغا ئايلانغان مارادونا ئىلگىرىكى ئۆزىنى كونترول قىلىش، مەشىق قاتارلىق جەھەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، ھەتتا زەھەر، قىمار قاتارلىقلار بىلەن باغلىنىشقا باشلىغان. 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەن دەپ قارىلىپ خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇسابىقىدىن چەكلىنىش جازاسىغا ئۇچرىغان، 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.
مارادونادىن كېيىن ئارگېنتىنا پۇتبولچىلىقىدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنى دەل مېسسى. كىشىلەر ئىزچىل بۇ ئىككى چولپاننى سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ، «پۇتبول شاھى» توغرىسىدا مۇنازىرە قىلاتتى، ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغىنى دەل مارادونانىڭ ئارگېنتىنانى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرىشى، لېكىن مېسسىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىكى ئىدى.
مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئېلىمىز بىلەن بولغان رىشتىسىمۇ خېلى چوڭقۇر. ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئېلىمىزگە كۆپ قېتىم كەلگەن بولۇپ، خۇددى ساياھەتچىلارگە ئوخشاش ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىزىنى قالدۇرغان، چىڭدۇدا ئۈچ چاقىلىق ۋېلىسپىت مىنگەن، بېيجىڭدا سەددىچىن سېپىلىغا چىققان، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان كىشىلەر ئۇنىڭ پەقەتلا كېبىرى يوق چولپان ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى چىقىشقاق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، مارادونا ھايات ۋاقتىدا ئىزچىل ئېلىمىزدىكى سەددىچىن سېپىلى ئۈستىدە بىر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلانمىدى.
مارادونانىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە قېتىم ئېلىمىزگە كېلىشىتىكى سەۋەبى سودا پائالىيىتىگە قاتنىشىش ۋە ساياھەت قىلىش بولۇپ، كېيىن ئۇ خەير-ساخاۋەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرغان، 2010-يىلى ئۇ ئېلىمىزگە كەلگەندە قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان بولۇپ، خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلغان، كېيىن يەنە خەير ساخاۋەت مۇسابىقىسى ئويۇشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار، كېسەل كىشىلەرگە نەچچە مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان.
مارادونا ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق زىيارىتىدە يەنىلا پۇتبول توغرىسىدا توختالغان بولۇپ: «ئىلگىرى پۇتبول تەپكىنىم ئۈچۈن تولىمۇ خۇشالمەن، بۇ تۈرلۈك تەنھەرىكەت ماڭا خۇشاللىق، ئەركىنلىك ئاتا قىلدى، پۇتبولغا رەھمەت!» دېگەن.
مارادونا ۋاپات بولغاندىن كېيىن تاراتقۇلار بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى كۆرۈنۈشلەرنى قايتا ئىزدەپ تاپتى، يەنى 2010-يىلىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ۋاسكېتبول دۇنياسىدىكى رىۋايەتلىك چولپان كوبى بىرايېنت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مارادونانى تىلغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ مارادوناغا مەستانە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، 10 يىلدىن كېيىن بۇ ئىككى گىگانىت چولپان، ئۆز ساھەسىدىكى «شاھ» دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچىلار ئارقا-ئارقىدىن بىز بىلەن خوشلاشتى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىغا ھەمدەم بولغان بۇ توپچىلار تۇيۇقسىزلا مەڭگۈلۈك رىۋايەتكە ئايلاندى! خەير خوش پۇتبول شاھى! خەير خوش مارادونا!