مارادونانىڭ دوختۇرى تەكشۈرۈلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
來源:تېڭشۈن تورى




شۇ يەر ۋاقتى 29-نويابىر ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنوس ئايرېس ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ مارادونانىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى لۇكنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئىشخانىسىنى ئاختۇردى. ساقچى تەرەپ «سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى» بىلەن لۇكقا قارىتا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. بۇ تەكشۈرۈش مارادونانىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا داۋالاش سەۋەنلىكى كۆرۈلگەنمۇ-يوق؟ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار-يوق؟ ھەمدە يۇقارقى ئەھۋاللار مارادونانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ-ياق؟ دىگەنلەرنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلغان.

مارادونانىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى


ساقچى تەرەپ مارادونانىڭ قازا قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 28-نويابىر ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەھۋال سوراپ، مارادونانىڭ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدىكى ئەھۋالى، مەسئۇل دوختۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى.

شۇ جاي ۋاقتى 3-نويابىر دوختۇرخانىدا يېتىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئارگېنتىنا پۇتبول پادىشاھى مارادونا پەردە ئاستى قانلىق ئىششىقى(硬膜下血肿)غا گىرىپتار بولغانلىقى بايقىلىپ، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ داۋالانغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىدىن چىققان. 25-نويابىر مارادونانىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز سوقۇشتىن توختاپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆيىدە 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.