AC مىلان ئۇدا 29 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
來源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:00دىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 9-ئايلانمىسىدا، AC مىلان ساھىبخان مەيداندا فىئورېنتىنا بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە AC مىلاندىن روماگنولى بىلەن كېسسى بىردىن توپ كىرگۈزدى، لېكىن كېسسى يەنە بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، AC مىلان 2-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن AC مىلان ئۇدا 29 مەيدان ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە كوماندا تارىخىدىكى رېكورت بىلەن تەڭلەشكەن. 1972/1973 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇلار ئۇدا 29 مەيدان ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈپ رېكورت ياراتقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىلگىرىكى رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى، ئۇلار كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ بۇ جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتالامدۇ؟

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 3:45دە AC مىلان مېھمان مەيداندا سامپدورېئا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بىلىشكە تىگىشلىكى شۇكى، AC مىلان ئالدىنقى قېتىم توپ كىرگۈزەلمىگەن مۇسابىقە دەل ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسى 18-ئايلانمىدىكى سامدورېئا بىلەن بولغان مۇسابىقە بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ 0:0 نەتىجىدە تەڭلەشكەن.