مېسسى سەۋەبلىك بارسېلوناغا 3000 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىشى مۇمكىن

爱酷艺
2020-11-30
來源:腾讯

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 11-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 0:4 نەتىجىدە ئوساسۇنانى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ 72-مىنۇتىدا مېسسى توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزگىچە تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق نەچچە كۈن بۇرۇن بىزدىن خوشلاشقان رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادوناغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن مۇسابىقە كىيىمىنى سېلىپ تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق مارادوناغا ھۆرمەت بىلدۈردى، نەتىجىدە مېسسى سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچرىدى. لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمايدىغان بولۇپ، مېسسىنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى سېلىپ تەبرىكلەش ھەرىكىتى بىلەن بارسېلوناغا 3000 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزامنامىسى 91-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ «پۇتبولچىلار مۇسابىقە جەريانىدا توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، ياكى مۇسابىقە جەريانىدىكى باشقا ۋاقىتلىرىدا مۇسابىقە كىيىمىنى سېلىش ئارقىلىق ئېلان، بەلگە قاتارلىق باشقا ئامىللارنى كۆرسەتسە، مەيلى ئۇنىڭ مەزمۇنى ياكى مەقسىدىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.