تارىخى ئەسلىمە: مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۆت قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى

爱酷艺
2020-11-30
來源:新浪

دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى (شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە) يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى. پۈتۈن دۇنيا خەلقى بۇ رىۋايەتلىك شەخىسكە چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ۋە قايغۇردى. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە «پۇتبول شاھى»نىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى نادىر دەقىقىلەر ھېسابلىنىدىغان تۆت قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ باقايلى:

1982-يىلى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، ئالدىنقى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئارگېنتىنا كوماندىسى (1978-يىلى ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا، ئارگېنتىنا كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1:3 نەتىجىدە گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.-ت) يەنىلا چېمپىيونلۇقنى نىشان قىلغان ئەھۋالدا پۈتۈن ئۈمىدىكى ياش ھەم تالانتلىق توپچى مارادوناغا پۈكتى، دۆلەت كوماندىسىدا 10-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كەيگەن مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتلاندى.

بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئارگېنتىنا كوماندىسى 1:0 نەتىجىدە بېلگىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى.

1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا باسقۇچ 2-ئايلانما مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنا كوماندىسى 1:4 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى، ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن مارادونا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزدى ۋە ئۆزىنىڭ قالتىس تالانتىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلدى.

كېيىنكى باسقۇچتىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىرازىلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق زەردار كوماندىلار بىلەن ھالاكەت گۇرۇپپىسىغا كىرىپ قالدى، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، مارادونا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنىڭ نۇقتىلىق قورشاپ مۇداپىئە قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئەينى ۋاقىتتا داڭلىق چولپانلار ھازىرقىدەك قوغدالمايدىغان دەۋردە (ھازىرقى ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، كرىستيانو رونالدو ۋە مېسسىغا ئوخشاش توپچىلار رەقىبىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشىغا ئۇچرىسا رېپىر قىلچە ئويلانمايلا ئېغىر جازا، يەنى سېرىق كارتا ياكى قىزىق كارتا بېرىدۇ.-ت) مارادونا كۆپ قېتىم يىقىلىپ سوقۇلۇپ مۇسابىقىنى تاماملىدى، شۇنداقلا ئۆز رولىنى پەقەتلا ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى.

كېيىنكى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەشەددىي رەقىبى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باش رېپىرنىڭ ھۆكۈمى مارادونانىڭ كەيپىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى، كونتروللىقىنى يوقاتقان مارادونا بىر قېتىملىق مۇداپىئەدە رەقىبىنى تەپكەنلىكى ئۈچۈن قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن قوغلاندى، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئاخىرىدا 3:1 نەتىجىدە بىرازىلىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بۇ قېتىملىق قىزىل كارتا بىلەن مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قىزىل كارتا سەۋەبلىك مارادونا ئىككى يىل جەريانىدا دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالماسلىقتەك ئېغىر بەدەل تۆلىدى.

1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا مارادونا كاپىتانلىق سالاھىيىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ ئاتلاندى. تۇنجى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇلار كورېيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، مارادونانىڭ ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى 1:3 نەتىجىدە كورېيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى.

كېيىنكى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، مارادونا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئىككى تەرەپ 1:1 نەتىجىدە تەڭلەشتى، مۇسابىقىدىن كېيىن مارادونا ئىتالىيە كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان ناپولىدىكى سەپداشلىرى بىلەن قۇچاقلاشتى.

ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇلغارىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، مارادونانىڭ ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى 0:2 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.

1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى مارادونانىڭ ياردەمچى پاس بېرىشى بىلەن 0:1 نەتىجىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ سەككىز كۈچلۈككە قەدەم قويدى.

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر دەقىقە بولۇپ قالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 51 مىنۇت بولغاندا مارادونا مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ نادىر توپ بىلەن ھەممەيلەنگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقىغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكا بولمىغان بولغاچقا، رېپىر بۇ توپنىڭ مارادونانىڭ قولىغا تەگكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مارادونا سەپداشلىرىنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ بىرلىكتە تەبرىكلىشىنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن سەپداشلىرى بۇ توپنى چوقۇملا قول توپ بولدى دەپ قاراپ مارادونانىڭ قېشىغا كەلمىدى، لېكىن مارادونا دەرھال سەپداشلىرىنى چاقىرىپ ئۆزى بىلەن بىرگە تەبرىكلەشكە دەۋەت قىلغان، ئۇنىڭ زېرەكلىكى بىلەن «كۆز بويامچىلىقى» ئارقىلىق پۇتبول دۇنياسىدىكى بۇ نادىر دەقىقىنى ياراتتى.

مۇسابىقە داۋاملىشىپ قىسقىغىنا تۆت مىنۇتتىن كېيىن مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى يەنە بىر نادىر دەقىقىنى ياراتقان. يەنى مارادونا ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن بەش توپچىنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ كىرگۈزگەن، بۇ توپ كېيىنچە 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر توپ بولۇپ باھالانغان، شۇنداقلا ئاخىرىدا 1:2 نەتىجىدە ئېنگلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، مارادونا ئۆزىنىڭ شاھلىق دەۋرىنى يارىتىشقا باشلىدى.

يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى مارادونانىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى.

ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئالدى بىلەن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدا ئىككى توپ كەتكۈزۈپ تەڭلىشىپ قالدى، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا مارادونانىڭ ھۇجۇم تەشكىللىشى بىلەن سەپدىشى توپ كىرگۈزۈپ، ئارگېنتىنا كوماندىسى ئاخىرىدا 2:3 نەتىجىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مارادونا بەش توپ كىرگۈزۈش، بەش قېتىم ياردەمچى پاس چىقىرىشتەك قالتىس نەتىجىسى بىلەن ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتتى، مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى، مارادونا ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ نەزىرىدە «قەھرىمان»غا ئايلاندى.

1990-يىلى مارادونا ئارگېنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ داۋاملىق چېمپىيونلۇقنى نىشان قىلىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا ئايلاندى، لېكىن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 1:0 نەتىجىدە كامېرونغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

كېيىنكى ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى سابىق سوۋت ئىتتىپاقى ۋە رۇمىنىيە بىلەن ئۇچراشتى، شۇنداقلا بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ بىر مەيدان تەڭلەشتى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ بىر مەيدان غەلىبە قىلىش، بىر مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىسى بىلەن گۇرۇپپىدا 3-ئورۇنغا تىزىلىپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، مارادونا قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ، كۆپلىگەن مۇداپىئەچىلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغان ئەھۋالدا سەپدىشىغا ياردەمچى پاس چىقاردى، سەپدىشى توپ كىرگۈزۈپ ئارگېنتىنا كوماندىسى 0:1 نەتىجىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق رەقىبىنى شاللاپ كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ساھىبخان كوماندا ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، 90 مىنۇتلىق تىركىشىشتىن كېيىن ئىككى كوماندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلەشتى، نۇقتا توپ جېڭى باشلىنىپ مارادونانىڭ 4-قېتىملىق نۇقتا توپنى كىرگۈزىشى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى.

1990-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى يەنە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن ئارگېنتىنا كوماندىسى 1:0 نەتىجىدە غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى. مارادونانىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى 3-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى سەپىرى ئاخىرلاشتى.

1994-يىلى مارادونا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى. گرىتسىيە كوماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مارادونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئارگېنتىنا كوماندىسى 0:4 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى.

كېيىنكى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسى 1:2 نەتىجىدە نىگىرىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىنكى روھلاندۇرۇش دورىسى تەكشۈرۈشتە چاتاق چىققاندىن كېيىن مۇسابىقىدىن چەكلىنىپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇق چۈشى بەرپاد بولدى.

شۇنىڭ بىلەن مارادونا مۇددەتتىن بۇرۇن 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.