21 يىل ئىلگىرى ما يۈن جەڭگىۋار ھالەتتە ئەلى بابانىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 18 ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ، 102 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان بىر شىركەتنى بەرپا قىلىمەن دەپ جار سالغان.
ما يۈن دەۋر رىتىمىغا توغرا دەسسىدى، دەۋر ما يۈننى تاللىدى. ھازىرقى نەتىجىدىن قارىغاندا، ئەلى بابا ئاللىقاچان بىر نوقۇل ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى ئەمەس، ئەلى بابا تەرەققىي قىلىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېڭى پارچە سېتىش، بۇلۇت ھېسابلاش، پۇل-مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى، چوڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان غايەت زور ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان سودا ئۇل ئەسلىھەسى بەرپا قىلدى، ئەلى بابانىڭ ئاخىرقى نىشانى «ئىقتىسادىي گەۋدە» بولۇش بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەلى بابانىڭ كۈرەش نىشانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كۈرەش نىشاننىڭ بولغىنى ياخشى، چۈنكى بارلىق قوزغىتىش ماھىيەتتە كۈرەش نىشاننىڭ قوزغىتىشىدىن كېلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، كۈرەش نىشانىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى ئەھۋالدىن قانائەتلەنمەيدۇ، لېكىن مۇنداق بىر گەپ بار، بەزىدە قەدەم بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، پۇتىنى كېرىۋېلىشى مۇمكىن، شۇنداق بولمىدىمۇ، 2020-يىلغا كىرگەندىن كېيىن، ئەلى بابا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.
مەيلى بىر ئادەم ياكى بىر شىركەت بولسۇن، ئۇ تەرەققىيات جەريانىدا ھەر خىل خۇشاللىق ۋە ئازابلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، بۇ يىل ئەلى بابانىڭ ئازابلىق يىلى دېيىشكە بولىدۇ، نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ كۆپچىلىك ياخشى كۆرۈپ بېقىڭلار.
1. قىممەت قارىشى مەسىلىسى. بىر شىركەت يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەشتە، «شىركەتنى ئادەم ئىدارە قىلىش»قا ئەمەس، بەلكى قىممەت قارىشىنىڭ تۈرتكىسىگە موھتاج. بۇ نۇقتىنى قەدىمكى چىن بەگلىكىدىكى شاڭ ياڭ ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان. ئەلى بابانىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلە تيەنماۋنىڭ باش لىدىرى جياڭ فەندە كۆرۈلدى، تورداشلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئەلى بابانىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى ئەلى بابانىڭ قىزىل سىزىقىغا تېگىپ كەتكەندە خىزمەتچى ئىشتىن بوشىتىلدى، ئەمما جياڭ فەن قىزىل سىزىققا تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەلى بابانىڭ قىزىل سىزىقى كار قىلالمىدى.
قېنى ئېيتىڭلارچۇ، خىزمەتچىلەرگە «ئوخشاش مۇئامىلە» قىلالمايدىغان بىر شىركەتنىڭ قىممەت قارىشى ھەقىقەتەن توغرا قىممەت قارىشىمۇ؟ ئەگەر «شىركەتنى ئادەم ئىدارە قىلىش»قا تايىنىپ 102 يىل ياشىماقچى بولسا، بۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولامدۇ؟
2. خېرىدار مىقدارى كىرىزىسى. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ماھىيىتى بىر خىل خېرىدار مىقدارى سودىسى، ئەلى بابا سىستېمىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدىكى سەۋەب، ئىلگىرى ئەلى بابا پۇل خەجلەپ سىرتتىن غايەت زور خېرىدار مىقدارىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەلى بابانىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بىر قىسىم خېرىدار مىقدارى ھاسىل بولغان. لېكىن ھازىر شەكىل ئۆزگەردى، ئىلگىرىكى ئەلى بابا بىلەن كۇەيشوۋنىڭ ھەمكارلىقىنى مىسالغا ئالساق، كۇەيشوۋنىڭ ئابۇنىتلىرى 300 مىليوندىن ئاشتى، ئىلگىرى ئىزچىل ئەلى بابا ئۈچۈن خېرىدار باشلايتتى، ئىلگىرى بۇ سودىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، خېرىدار مىقدارى سۇپىسىدا بىۋاسىتە نەق پۇلغا ئايلىنىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. لېكىن ھازىرچۇ؟ كۇەيشوۋمۇ ئۆزى بىۋاسىتە تارقىتىش تور سودىسى قىلىۋاتىدۇ، بۇ كۇەيشوۋنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەلى بابانىڭ يېڭى رەقىبىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
قىسقىسى، ئەلى بابانىڭ قىلىۋاتقىنى پۇل خەجلەپ خېرىدار مىقدارى سېتىۋېلىش سودىسى، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەلى بابا سىرتتىكى ياخشى خېرىدار مىقدارىنى سېتىۋالالمىسا، ئۇنداقتا ئەلى بابا «خېرىدار مىقدارى كىرىزىسى»غا پېتىپ قالارمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
3. تۆت ئەتراپىنى دۈشمەن قاپلاپ كەتتى. ما يۈن جىن يۇڭ (金庸)نىڭ ھېكايىلىرىنى كۆرۈشكە ئامراق، خۇاشەن ئېقىمىدىكىلەردىن كەلگەن ئۇستاز «فېڭ چىڭياڭ» (风清扬) ئەزەلدىن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ، باشقىلار بىلەن ماسلاشمايدۇ. بىز دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ئالاقە تورى شىركەتلىرىنىڭ «تېڭشۈن سىستېمىسى»غا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئەلى بابا سىستېمىسىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئىلگىرى تېڭشۈن يېتەكچىلىك قىلغان ئىتتىپاقنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپات ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.
باشقىسىنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرقى ئەلى بابا ھەقىقەتەن بەك جاپادا قالدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا يۇقىرى دەرىجىلىك بازىرىدا، ئەلى بابا جىڭدۇڭنىڭ تىجارەتنى ئاقتۇرالمايدىغان ھالىتىنى توسۇپ قالالمىدى، پىن دودو ئەلى بابانىڭ كۆز ئالدىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىدا راۋاج تاپتى، بۇ تاۋباۋ تورىغا زور زەربە بولدى، يەرلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتى ساھەسىدە، ئەلى بابا يېتەكچىلىكىدىكى قورساق ئاچتىمۇ (饿了么) تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى مېيتۈەن تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىندى. مەبلەغ سېلىش بازىرىدا، ئەلى بابا ئالدىنقى يىللاردا مەبلەغ سالغان شىركەتلەر تۈزۈكرەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، شۇنداقلا تېڭشۈن، پىن دودو، مېيتۈەن قاتارلىقلار بىلەن غايەت زور پەرق شەكىللەندى!
ئېھتىمال بەزىلەر ئەلى بابا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، يەنە ئەلى بابا بۇلۇتى بار ئەمەسمۇ، دېيىشى مۇمكىن. ئەلى بابا ئېلېكتىرونلۇق سودا بۇلۇتى ئەلى بابانىڭ ئاساسىي رامكىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم ئەمەس تۇرسا، ئەلى بابا بۇلۇتىنىڭ كەلگۈسى قىممىتى يەنە قەيەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
قىسقىسى، نۆۋەتتىكى چوڭ مۇھىت ئەلى بابانىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
ئەلى بابا ھەققىدە گەپ بولغاندا، بۇ شىركەت مۇقەررەر ھالدا ما يۈەندىن ئايرىلالمايدۇ، گەرچە ئەلى بابا ما يۈنگە تەۋە بولمىسىمۇ، لېكىن ما يۈن چوقۇم ئەلى باباغا تەۋە بولىدۇ. (ئەمەلىيەتتە مايۈندە ئەلى بابانىڭ شەخسىي پېيى ئەڭ كۆپ، يەنە كېلىپ ئەلى بابانىڭ ئۆمۈرلۈك شېرىكى). ما يۈننىڭ ئەلى باباغا قوشقان تۆھپىسىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، لېكىن ھازىرقى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى شۇ يەردىكى، ما يۈن ئەلى بابادىن ئايرىلغان ئىكەن، دائىم شىركەتنى باشقۇرۇشقا ئېسىلىۋالماي، بەلكى ھەقىقىي پېنسىيەگە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ما يۈنگە سېلىشتۇرغاندا، ئەلى بابانىڭ ھازىرقى CEOسى جاڭ يۇڭ كۆپ كەمتەر، بۇ ئادەم كەمتەر بولۇپلا قالماي، مالىيە جەھەتتىمۇ ماھىر، ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئۇسلۇبى ئىچكى جەھەتتە يۇمشاق، تاشقى جەھەتتە قاتتىق. ئەلى بابا ھازىردىن باشلاپ چوقۇم «مايۈنلاشتۇرۇش»نى ئۆزگەرتىشى كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، بەزىدە سىزنى مەغلۇپ قىلغىنى بەلكىم رەقىب بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بىر ۋاراق A4 قەغەز چوقۇم سىزنى يىقىتالايدۇ.