ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈرەك خۇددى بىر چوڭ سۇ پومپىسىغا ئوخشاش پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تۆۋەندىكى بەش ۋاقىت بۆلىكى يۈرەك كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل.
1. ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشتىن كېيىن
كۆپ مىقداردا يېمەكلىك قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئورگانىزم ئۆزلۈكىدىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، زور مىقداردىكى قاننىڭ ئاشقازان ئۈچەيگە ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، يۈرەككە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
بولۇپمۇ مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسانلا قان نوكچىسى پەيدا قىلىپ يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشتەك يوشۇرۇن خەۋپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا ھەر ۋاقلىق تاماقنى نورمال تويۇنۇپ يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سېمىز گۆش، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى كونترول قىلىش كېرەك، ئەگەر قورساق تويغاندىن كېيىن كۆكرەك ئاغرىش، كۆكرەك سىقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
2. كۈچەپ تەرەت قىلغاندا
كۈچەپ تەرەت قىلغاندا بىز نەپەسنى توختىتىشىمىز كېرەك، بۇ ۋاقىتتا دىيافراگما مۇسكۇلى بىلەن قورساق دىۋارى مۇسكۇلىنىڭ كۈچلۈك قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
شۇڭا كۈچەپ تەرەت قىلغاندا، ناھايىتى ئاسانلا قان بېسىمى ئۆرلەپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى ئېشىپ، يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئادەتتە تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولغان مېۋە، كۆكتات ۋە قارا ئاشلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە ئاشقازان، ئۈچەي مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
3. قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا
مۇۋاپىق ھەرىكەت سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن جىددىي ھەرىكەت قىلسا يۈرەك خېلى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قان بېسىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا ھەرىكەت تاللىغاندا ئاستا يۈگۈرۈش ۋە تېز مېڭىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىرقەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە يۈرەك ئىقتىدارى ناچارراق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى ئامال بار تاللىماسلىق كېرەك.
ھەرىكەت جەريانىدا مەيدىسى چىڭقىلىش، نەپىسى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال توختاپ ئارام ئېلىش كېرەك.
4. بېسىم بىر قەدەر ئېغىر، روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە
بىر قەدەر چوڭ بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا، نېرۋا سىستېمىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىماردا ئاسانلا يۈزى قىزىرىش ۋە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان يۈرەك كېسىلى كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا ئادەتتە بىز بەزى باش قېتىنچىلىقى بار ئىشلارغا يولۇققاندا، ۋاقتىدا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىمىز، ھەرگىزمۇ ھە دېگەندىلا ئىچىمىزگە يۇتماسلىقىمىز كېرەك، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز.
5. ھەر كۈنى سائەت 6 ~ 12 گىچە بولغان ۋاقىت
ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بەدەندىكى ئادرېنالىن تېز سۈرئەتتە ئاجرىلىپ چىقىدۇ، بۇمۇ قان بېسىمىنىڭ بىرىنچى يۇقىرى پەللە مەزگىلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچتە سۇنى ناھايىتى ئاز قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قان بىر قەدەر قويۇق بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا ئېمبولىزم مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا چوقۇم ھەرىكەتنى ئاستىلىتىپ، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن زۆرۈر. بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى قەرەللىك ئىچىپ بېرىشى كېرەك.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەزا، بىز ئادەتتە چوقۇم يۈرەكنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ يۇقىرىقى بەش ۋاقىت بۆلىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش باسقۇچى، شۇڭا چوقۇم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بۇ بەش باسقۇچتا ئەگەر بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشىڭىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بىخەستىلىكىدىن ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.