ھەممىدە مۇكەممەللىك قوغلاشماڭ

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
來源:ئۈندىدار

بىر ئىشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ھەمىشە ئىككىلىنىمىز، پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىگەندەك ياكى تەييارلىقىمىز پۈتمىگەندەك ھېس قىلىمىز؛ ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلدۈرمەكچى ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرماقچى بولساقمۇ، ئەمما يەنە ھەمىشە ھەرقانداق ئىشنى ياخشى قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىمىز، خۇددى مەڭگۈ باشقىلاردىن ناھايىتى زور پەرقلىنىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟