شۇ يەر ۋاقتى 29-نويابىر ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنوس ئايرېس ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ مارادونانىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى لۇكنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئىشخانىسىنى ئاختۇردى. ساقچى تەرەپ «سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى» بىلەن لۇكقا قارىتا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.
يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش مارادونانىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا داۋالاش سەۋەنلىكى كۆرۈلگەنمۇ-يوق؟ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار-يوق؟ ھەمدە يۇقارقى ئەھۋاللار مارادونانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ-ياق؟ دىگەنلەرنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلغان. «ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مارادونانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان سېستىرا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتلاردا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇمۇ سىرتقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ھازىر مارادونانىڭ ئۆلۈمىنى تەكشۈرۈش يەنىلا داۋاملاشماقتا. ساقچىلار 28-نويابىر مارادونانىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن سوئال سوراپ، مارادونانىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلىقى ۋە داۋالاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. مارادونا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى دوختۇر لۇكنى ئەرز قىلغان، ئۇلار لۇكنى مېڭە قان تومۇر ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان مارادونانى بىر ھەپتە كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقارماسلىق كېرەك دەپ قارىغان. ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدىدا، لۇك: «مەن قىلالايدىغان ۋە قىلالمايدىغان ھەممە ئىشنى قىلدىم» دېگەن ۋە «مارادونا دادامغا ئوخشايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
سېستىرا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى: مارادونا ۋاپات بولغان كۈنى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمىگەن
ئارگېنتىنا ساقچىلىرى تەمىنلىگەن جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، مارادونانىڭ ئۆلۈمى نورمال بولۇپ، بەزى كىشىلەر گۇمان قىلغاندەك قەستلەپ ئۆلتۈرۈلمىگەن. قانداقلا بولمىسۇن بىر ئەۋلاد پۇتبول پادىشاھىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلاردا يەنىلا نۇرغۇن گۇمانلار بار. ئەنگىلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مارادونانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان سېستىرا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتلاردا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇمۇ سىرتقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مارادونا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا چوڭ مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن ئۆيىدە ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قاراش ئۈچۈن 24 سائەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان سېستىرالار گۇرۇپپىسىنى تەكلىپ قىلغان. سېستىرا ئەۋەتىشكە مەسئۇل خۇسۇسىي داۋالاش شىركىتى مېدومنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، كەچلىك نۆۋەتچىلىكتىكى ئەر سېستىرا ئەتىگەن سائەت 6:30 ئەتراپىدا مارادونانىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، ھەممە ئىشلار نورمال بولغان، ئاندىن بىر ئايال سېسترا ئۆتكۈزۈۋالغان، سائەت 7:30 ئەتراپىدا، ئۇ مارادونانىڭ ھاجەتخانىغا چىققانلىقىنى ئاڭلىغان، ئەمما بۇ ئەھۋالنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن ماردونانىڭ ھۇجرىسىغا كىرمىگەن. سېستىرا سائەت 9:20 ئۆتكەندە مارادونانىڭ ھۇجرىسىغا بېرىپ بەدەن ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولغان، ئەمما رەت قىلىنغان.
لېكىن يېقىندا ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش سوئالىغا دۇچ كەلگەن سېستىرا بۇ دوكلاتنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. «ئەينەك گېزىتى»نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە مارادونانىڭ ھۇجرىسىغا ئەزەلدىن كىرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ دوكلات توغرىسىدا يالغان ئېيتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەكشۈرگۈچىلەر: «گۇۋاھچى ئۇنىڭ مېدومغا دوكلات بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى كۆرسەتتى، دوكلاتتا ئۇ ئۆزىنىڭ مارادونانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت مارادونادىن كۆپىرەك ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلغان» دېدى.
ھازىرغا قەدەر مېدوم ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى. مارادونانىڭ ئادۋوكاتى مورا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا مارادونانى كۈتۈش گۇرۇپپىسى كۈتۈشتىكى بىپەرۋالىقىدىن گۇمانلانغان، ئۇ ئالاقە تورىغا: ««مارادونانىڭ داۋالاش تەكشۈرۈش دوكلاتىغا كەلسەك، بەزى ئىشنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، 12 سائەت ئىچىدە ئۇ كەسپىي كۈتۈنۈش ۋە غەمخورلۇققا ئېرىشەلمىدى» دەپ ئېلان قىلغان.
خۇسۇسىي دوختۇر مارادونا بىلەن داۋاملىق تاكاللىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن بۇ ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ دېدى
مارادونانىڭ شەخسىي دوختۇرى لۇكمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن «ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلگەن، كېيىن ئۇ ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرىغا: «مەن مارادونا ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ساقچىلار مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلدى، مەن ئايالىم ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ئىشىكنى ئاچتىم ۋە ساقچىلارنىڭ لازىملىق نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردىم، مەسىلەن مېنىڭ يانفونۇم قاتارلىقلار، ئۇلارمۇ مېنىڭ كېسەللىك خاتىرىلىرىمنى ئېلىپ كەتتى»، لۇك يەنە :« بۇ ساقچىلارنىڭ خىزمىتى، مەن تەنقىد قىلمايمەن. ئەمما مەن نېمە قىلغانلىقىمنى ۋە قانداق قىلغانلىقىمنى بىلىمەن. مارادوناغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى پەيتكىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشنى تاللىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشىنىمەن، ھەمدە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قىلدىم» دېگەن.
مارادونانىڭ ئۈچ قىزى لۇكنىڭ دادىسى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان، شۇڭا ئۇلار كونتروللۇقىنى يوقاتقاندا خاتا داۋالاش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. لۇك ئۆزىنىڭ مارادونا بىلەن تالاش-تارتىش قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ: «مارادونا دوختۇر ۋە پىسخولوگلارنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئۇ مەن بىلەن باشقىچە ئۆتىدۇ. چۈنكى مەن سەمىمىي بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشنى ئەزەلدىن تەلەپ قىلىپ باقمىدىم. بىز كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، مارادونادا نۇرغۇن مەسىلىلەر بار ئىدى، ئۇ ياردەمگە موھتاج ئىدى. مارادونا مېنى چاقىرىشتىن بۇرۇن مېنى كۆپ قېتىم ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز تەلۋە دادا ۋە ئوغلىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر مەن بولمىسام مارادونا ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ. كىشىلەر نېمە دېسە دەۋەرسۇن» دېگەن.
لۇك يەنە: «مەن ئۇ كۈنى مارادونانى كۆرگىلى باردىم، ئۇ بىئارام بولغاچقا ھەممەيلەننى ھەيدەپ چىقاردى. مەن كىردىم، ئۇ ھېچكىمنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ۋاقىتتا كىم ئۇنىڭ يېنىدا بولالايدۇ؟ پەقەت مەنلا. ئۇ تىنىچ تۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىنى .ئېيتتىم، مارادونا ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىزلىرىنىمۇ كۆرۈشنى خالىمايتتى. ئۇ ئاخىرى مېنىمۇ قوغلاپ چىقاردى، ئەمما مەن ئۇنىڭ ماڭا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، بەلكىم مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلالايدىغان بىردىنبىر كىشى بولۇشىم مۇمكىن» دېگەن.
مەن قولۇمدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلدىم، ئەمما مارادونا ھەممىنى ۋەيران قىلدى
لۇك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن مارادونانى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم، مەن ئۇنى ياتاق ئۆيىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم. مارادونانىڭ خەۋىپى يۈرەكتە ئەمەس ئۆپكىدە ئىدى. مېنىڭ ۋەزىپەم مارادوناغا خەتەرنى ئىمكانقەدەر چۈشەندۈرۈش ... مەن قولۇمدىن كېلىشىچە ئىش قىلدىم، ئەمما مارادونا ھەممىنى يوق قىلدى، بىز بۇنىڭغا ئامال قىلالمايمىز» دېگەن. لۇك يەنە مارادونانىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىشىنىڭ، يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. ئۇ يەنە: «بۇ يالغان، ھېچكىم داۋالاشتا خاتالىق سادىر قىلمىدى. مارادونا يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلدى، بۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىمارلارنىڭ ئۆلۈش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كېسەل. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئۇنىڭ كېسەللىك ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىش. دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش پىلانى مۇكەممەل، بىز ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلدۇق، ئامال بار ئۇنى دوختۇرخانىدا كۆپىرەك يېتىشنى ئېيتۇق، ئەمما ئۇ رەت قىلدى» دېگەن.
ئاخىرىدا لۇك كۆزىگە ياش ئېلىپ: « مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، مارادونا ئەڭ باتۇر ئادەم، ھېچكىم ئۇنى كونترول قىلالمايدۇ. مېنىڭ مارادوناغا بولغان مەسئۇلىيىتىم ئۇنى قەدىرلەش، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۆمرىنى ئىمكانقەدەر ئۇزارتىش» دېگەن. شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئارگېنتىنا پۇتبول پادىشاھى مارادونا دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ مېڭىسىدە مېڭە قان تومۇر ئۆسمىسى بارلىقى بايقالغان ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن تېزلا دوختۇرخانىدىن چىققان. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، مارادونا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 60 يېشىدا ئۆيىدە قازا قىلدى.