12-ئايدىن باشلاپ يەنە بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، توردا مال سېتىۋېلىشتا «ئالداش خاراكتېرلىك باھا چۈشۈرۈش» ئېنىق مەنئى قىلىنىدۇ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە ئېتىبار قىلىش، باھانى تۆۋەنلىتىش ئۆلچىمى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك؛ ئېنىق يېزىلمىغان بولسا پائالىيەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى يەتتە كۈن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن پۈتۈشۈش باھاسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئالدىنقى يەتتە كۈن ئىچىدە سودا بولمىسا، ئېتىبار قىلىش، باھانى چۈشۈرۈشتە پائالىيەتتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سودا باھاسىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك! سىز ساتقۇچى تەرىپىدىن ئالدىنىپ باققانمۇ؟
قىزىقتۇرۇپ سېتىشتا ئاۋۋال باھانى ئۆستۈرۈۋېلىپ ئاندىن باھادا ئېتىبار بېرىش قىلمىشىغا يول قويۇلمايدۇ
«قىزىقتۇرۇپ سېتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:تىجارەتچى باھادا ئېتىبار بېرىش، باھانى چۈشۈرۈپ بېرىش ھەرىكىتىدە باھادا ئېتىبار بېرىش ياكى باھانى چۈشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى ياكى ئىستېمالچىنىڭ بىلىشىگە قولايلىق باشقىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك؛تىجارەتچى ئاساسىي ئۆلچەمنى ئېنىق ئەسكەرتمىگەن ياكى بىلدۈرمىگەن بولسا، شۇ تىجارەتچىنىڭ شۇ تىجارەت ئورنىدا شۇ قېتىملىق قىزىقتۇرۇپ سېتىش ھەرىكىتىدىن ئاۋۋالقى يەتتە كۈن ئىچىدە قىلغان سودىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى باھادا ئېتىبار بېرىش ياكى باھانى چۈشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. ناۋادا، بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە بىرەر قېتىممۇ سودا قىلمىغان بولمىسا، شۇ قېتىملىق قىزىقتۇرۇپ سېتىش ھەرىكىتىدىن ئاۋۋالقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سودىسىنىڭ باھاسى باھادا ئېتىبار بېرىش ياكى باھانى چۈشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى قىلىنىدۇ؛چەك تارتىش شەكلىدىكى مۇكاپاتلىق سېتىش ھەرىكىتىدە ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتنىڭ سوممىسىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.