بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىزدە 5Gنىڭ سودىغا ئىشلىتىلگىنىگە بىر يىل بولىدۇ، ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىستېمال بازىرىدىن كەسىپ قاتلىمىغىچە، تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ 5G توغرىسىدىكى مۇزاكىرىسى ئەزەلدىن توختاپ باقمىدى. تېڭشۈن ئاپتوموبىل شىركىتىمۇ ھازىر دېققىتىنى ئاپتوموبىل كەسپىگە مەركەزلەشتۈردى، ئۇنداقتا، ئەينى ۋاقىتتا 5G تېخنىكىسىنى سودىغا ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل كەسپىدىكى 5Gنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولدى؟
جۇڭگو بازىرىدا، ئاپتوموبىلنىڭ 5G ئۆزىكى نۆۋەتتە ئاساسلىقى خۇاۋېي تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن، لېكىن بۇ يىل خۇاۋېي ئۆزەك كەسپىدە يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا ئەگىشىپ، ۋاقتىنچە سېتىلىپ بولغان مىقدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل تىپىغا قاچىلانمىدى. شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى 5G تېخنىكىسىنى ھەقىقىي قوللىنىدىغان مىقدارلىق ئاپتوموبىل شاڭخەي ئاپتوموبىل شىركىتى MARVEL R، بۇ يەنە دۇنيا بويىچە تۇنجى 5G ئاپتوموبىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
2020- يىلى، 5G تورىنى قوللايدىغان بازارغا سېلىنغان ئاپتوموبىل تىپلىرىدىن بىيادى، ARCFOXT، گۇاڭچى Aion V، چاڭئەن UNI-T، چاڭئەن ئوۋشاڭ X7 قاتارلىقلار بار. لېكىن ھازىرغا قەدەر بازاردا سېتىلىۋاتقان نۇسخىلارغا تېخى 5G ئۆزىكى سەپلەنمىگەن.
ARCFOX αT
بۇ يىل جۇڭگو بازىرىدا بازارغا سېلىنغان يېڭى ئاپتوموبىللار تەخمىنەن 750تىن ئارتۇق (يېڭىلانغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىل تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، «5G نى قوللاش»تىن ئىبارەت تەشۋىقات سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇردى، لېكىن، 2020-يىلى 5G تورىنى قوللايدىغان مىقدارلاشقان ئاپتوموبىل تىپى ئاساسەن يوق. 5G سودىغا ئىشلىتىلگەنلىكىگە بىر يىلى بولغان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ھالەت شەكىللىنىدۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىلدىكى 5G نىڭ زادى نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
2. ئاپتوموبىلدىكى 5Gنىڭ ئالاھىدىكىلى قەيەردە؟
5Gنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، يوللاش سۈرئىتى ئىنتايىن يۇقىرى، قاتتىق دېتاللارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوبۇل قىلىشى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك ھەقىقەتەن ئاپتوموبىلنىڭ 5Gنى ئىشلىتىشىنى نۇرغۇن تەسەۋۋۇر بىلەن تەمىنلىدى.
بىرىنچىدىن، ئاپتوموبىلنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرغاندا، ھەر بىر زاپچاسنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى توغرا ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ كۆپ ھاللاردا يېڭى تېخنىكىلىق ئاپتوموبىللارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىكى مۇھىم سىناق بولۇپ، 5G ئۆزىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ ئىنتايىن كىچىك بولۇشى ئاپتوموبىلنى ئۆلچەملەشتۈرۈشگە توسالغۇ بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، يۇقىرى سۈرئەتتە يوللاش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىش بازارغا سېلىنىشتىن 18 ~ 12 ئاي بۇرۇن بولغاچقا، ئەينى چاغدا ئۆزەكنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى بازار ئاساسىي ئېقىمىدا ئارقىدا قالغان، ئەگەر بىر دانە 5G ئۆزىكى چوڭ كۆلەملىك ھېسابلاش خىزمىتىنى بۇلۇت ھېساپلاشقا يەتكۈزۈپ ھەل قىلالىسا، ئۇنداقتا ئاپتوموبىلدىكى ئۆزەكنىڭ بېسىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، بۇمۇ 4G دەۋرىدە ئاپتوموبىلدا ئەمەلگە ئاشمايدىغان لايىھە.
ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش ساھەسىگە كىرگەندە، مەيلى ئۆز جايىدا ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى يول تورىنى ماسلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بولسۇن، ھەممىسىنى يەككە ماشىنا ھەل قىلالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا 5Gنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇنداقتا، نېمىشقا بۈگۈنگە قەدەر 5G ئۆزىكى سەپلەنگەن ئاپتوموبىلى يوق؟ ئۇنداقتا بىز ئالدىدا دەپ ئۆتكەن ئۈچ نۇقتىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئالدى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ ئاسان ھېس قىلالايدىغان ئىستېمال ئالاقە تورى قاتلىمىنى كۆرۈپ باقايلى، يەنى ئاپتوموبىلغا ھەر خىل ئەپلەرنى قاچىلاپ، تېخىمۇ كۆپ كۆچمە ئالاقە مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇ ساھە ئاپتوموبىل قۇرۇلمىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابىنكا ساھەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقە بۆلىكى بولۇپ، 5G ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان كىچىك سەھنە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى بارلىق ئىستېمال ئالاقە تورى قاتلىمىدىكى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى 4G بىلەنلا قاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئەمدى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوماتىك ھەيدەش ساھەسىگە كەلسەك، بۇ 5Gنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ھەقىقىي سەھنىسى. بۈگۈنگە قەدەر، دۇنيادا تېخى ھەقىقىي مەنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك (L3 تىن يۇقىرى) ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپتوموبىل مەھسۇلاتى يوق. يول تورىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىش ئەمەس. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يول يۈزىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل سېنزورلىرىدىن توپلانغان ئۇچۇرلار 5G ئارقىلىق بۇلۇت مۇلازىمېتىرغا چىقىپ، بۇلۇت مۇلازىمېتىردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىرىكتۈرۈپ ھېسابلىغاندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەربىر ئاپتوموبىلغا ئوخشىمايدىغان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئاپتوموبىل چىداملىق ئىستېمال بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر 5G ئۆزىكىنى ئورنىتىپ، كەلگۈسىدە يېڭى مەھسۇلاتقا سىناق قىلىپ بېقىشقا كاپالەتلىك قىلالمىغاندا ياكى ھەقىقىي يول تورىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغاندا، L2 ياردەمچى ئاپتوموبىل ھەيدەش ئارقىلىق، بۇلۇت ھېساپلاشقا تايىنىپ بىر قىسىم نىسبەتەن مۇرەككەپ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟
قارىماققا شۇنداق، ئەمەلىيەتتە بولسا بولمايدۇ. چۈنكى 5G ئۆزىكى پەقەت، ئۆزەك ئورنىتىلغان ئاشۇ كومپيۇتېر ۋە بۇلۇت ھېساپلاش ئارىسىدىكى يوللاش سۈرئىتىنىلا يۇقىرى كۆتۈرگەن. ۋەھالەنكى، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاشتا ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغان CAN غول لىنىيەسى بار. بۇ غول لىنىيە ئاپتوموبىلنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ئارىسىدىكى تور سىمىنى ئۇلايدۇ، بۇ تور سىمىنىڭ نۆۋەتتىكى يوللاش سۈرئىتى 5G تېزلىكىگە يېتىشەلمەيدۇ. بۇنى بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول بىلەن پىيادىلەر كوچىسىدىكى سۈرئەتكە ئوخشاتساق تامامەن بولىدۇ، مەسلەن، 5G ئۆزىكى بىلەن بۇلۇت مۇلازىمېتىرى ئارىسىدىكى يوللاش سۈرئىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتىگە ئوخشىسا، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش سۈرئىتى يەنىلا پىيادىلەر كوچىدىكى پىيادىلەرنىڭ سۈرئىتىگە ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇلۇت مۇلازىمېتىردىن دەرھال بۇيرۇق كەلسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىل ئىچىدە ئىجىرا بولغان ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدا ئاپتوموبىلدا 5G تېخنىكىسىنى ئىشلەتسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.
شۇڭا، كەلگۈسىدىكى يېڭى ئاپتوموبىلغا 5G ئۆزىكى ئورنىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، CAN غول لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ ئىش پۈتۈن ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھالقىسىغا چېتىلىدۇ، CAN غول لىنىيەسى تېخنىكىسىنى 1986-يىلى گېرمانىيە بوش (Bosch) شىركىتى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، ھازىرغىچە 30 نەچچە يىل بولدى، ۋولكسۋاگېننىڭ گولف ئاپتوموبىل تىپىنى مىسالغا ئالساق، CAN غول لىنىيەسىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى دەسلەپ 100k/sقا يەتكۈزۈشكە ئالتە يىل ۋاقىت كەتتى، 500k/sقا يەتكۈزۈشكە يەتتە يىلچە ۋاقىت كەتتى، يەنە 2m/sقا يەتكۈزۈشكە سەككىز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتى كەتتى. ئەمەلىيەتتە CAN غول لىنىيە قۇرۇلمىسى ئاساسىدىكى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىدە نۇرغۇن كەسىپ ئۆلچىمى، تېخنىكا لايىھەسى ۋە تەمىنلەش شىركىتى سىستېمىسىغا چېتىلىدۇ.
ھازىر، 100m/s يوللاش سۈرئىتى «ئېفىر تورىدا» (ئېفىر تورى بولسا بىر خىل كومپيۇتېر دائىرىلىك تور تېخنىكىسى) يەتكۈزۈلۈشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور ئاپتوموبىلىنىڭ سانلىق مەلۇمات يوللاش مەسلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى دەپ قارىلىدۇ، بۇ ناھايىتى تېزلا CAN غول لىنىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. لېكىن، ھازىرغىچە بىرەر ئاپتوموبىل ئۆلچىمى دەرىجىلىك مىسال تېپىلغىنى يوق، كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىللارغىمۇ بۇ خىل تېخنىكا توغرۇلۇق ئېنىقلىما بېرىلگىنى يوق. چۈنكى، بۇنىڭ كەينىدىكى سەۋەب، ئەلۋەتتە ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلات ياساشتا ئالدى بىلەن ئويلىشىلدىغان «تەننەرخ، ئەمەلىي كۆرۈنۈش ۋە بازار ئېھتىياجى»دۇر.
شۇڭلاشقا، ھازىر 5G نىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىدە قوللىنىلىشىنىڭ ئاساسىي سەھنىسى تېخى بەرپا قىلىنمىدى، سىياسەت، قانۇن-نىزام، تېخنىكا لۇشيەنى، سودا ئېكولوگىيەسى، تور مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ تاشقى تەييارلىقى پۈتمىگەننىڭ سىرت، ئىچكى قىسىمدىكى پىلانىمۇ تېخى پۈتمىدى. ئۇنداقتا بۇ يىل يېڭى ئاپتوموبىل ئېلان قىلىنغاندا ئېلان قىلىنغان 5G مۇلازىمىتى قانداق ئىش؟
5G تورىنى قوللايدىغان بۇ بىر نەچچە ئاپتوموبىل تىپىنى كېلەر يىلى 5G نۇسخىسىدا بازارغا سالسىمۇ، لېكىن ئېلان قىلىنغان ئاپتوموبىل تىپى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 5Gنىڭ بۇ ئاپتوموبىللاردا جارى قىلدۇرىدىغان رولى مۇنداق: «ئاپتوموبىلدىكى تورنىڭ ئۆزئارا ئۇلىنىشى تېخىمۇ تېز، OTA دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى تېخىمۇ تېز». كۆچمە ئالاقە تورىدىكى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانفونىڭىزدىكى قايسى ئەپنىڭ 4G مۇھىتىدا سۈرئىتى تېز ئەمەس؟ بىر ماشىنىغا نىسبەتەن، بەش مىنۇتتا بىر كىنونى چۈشۈرۈپ بولۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟
شۇنداقتىمۇ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ھۆكۈم قىلساق، كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىغان يېڭى ئاپتوموبىللار 5G تورىنى قوللاش ئۆلچەملىك سەپلىمە بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا بىز ھەقىقىي مىسالدىن بىرنى كەلتۈرسەك، ئەگەر ئاپتوموبىل تىپىنى پىلانلاش ئىنژېنېرلىرى ئاپتوموبىل ئىچىگە تەننەرخى ئىككى يۈەنلىك سېنزورنى كۆپەيتسە، ئاپتوموبىلنى قوزغاتقاندا بىر قېتىم ئۆزلۈكىدىن تەكشۈرۈپ، كاشىلا كۆرۈلسە دەرھال ئەسكەرتىدۇ، ئۇنداقتا، بۇ خىل ئاپتوموبىل بازارغا سېلىنغاندا، «مەڭگۈ كاشىلا كۆرۈلمەيدىغان سىستېما» دېگەن سېتىش نۇقتىسىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. بۇ دەل ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سېتىش لوگىكىسى. ئەگەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ 5G ئۆزىكىنىڭ تەننەرخى بىلەن سېتىشتىكى پايدىسى ئوڭ يۆنىلىشلىك بولسا، نېمىگە ئاساسەن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بۇ سودىنى قىلمىغۇدەك؟
نۆۋەتتە، 5G تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئاپتوموبىلى دۇچ كەلگەن مەسىلە شۇكى، ئىستېمالچىلار 5G تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئاپتوموبىلىغا ئېھتىياجى بولمىغاچقا ئارتۇق پۇل خەجلىمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يەنىلا بۇ تىجارەت ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى جۇڭگو ئاپتوموبىل بازىرى ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىش، شۇنداقلا تاكتىكىلىق كۈچ سىنىشىش بولۇپ قالدى. ئاپتوموبىل ئىستېمالچىسىغا نىسبەتەن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا 5Gنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك.