شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە ئۆزىنىڭ تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى. لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز كېسىلى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان بىر توپ بولۇپ قالغان ئىكەن. بۇلتۇرقى سانلىق مەلۇماتتىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بېيجىڭدىكى 50 نەچچە ئالىي مەكتەپتىكى 700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇللار %98نى ئىگىلەيدۇ. بۇ يىل ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، %93 كىشى «ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت» ئارقىلىق يۇقۇملانغان. بۇ تېما ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
گەرچە «ئەيدىز كېسىلى» ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىدىن ناھايىتى يىراقتا قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. لېكىن ھازىرئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىز كېسىلى يامراپ ئاپەتكە ئايلىناي دەپ قالدى. زادى نېمە سەۋەب بۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ئەيدىز كېسىلى» كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار.
بىرىنچى ئامىل، تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىز بىلمەكچى بولغان ھەر خىل ئۇچۇرلارنى توردىن تاپالايمىز، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، توردىن يەنە نۇرغۇن ناچار ئۇچۇرلارمۇ قۇبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتايىن قىزىقىدىغان ئۇچۇرلارمۇ بار. جۇڭگو ئائىلىلىرىنىڭ «بۇ خىل» تەربىيەگە بولغان يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۇلار «چەكلەنگەن مېۋىنى ئوغرىلىقچە يەپ» سالغاندا، دائىم قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ ئەتراپىدىكى كىچىك مېھمانخانىلار پاكىز بولمىغاچقا، ئاسانلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.
ئىككىنچى ئامىل، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى ساددا، ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەر خىل ئادەملەر بىلەن تونۇشىدۇ، ساددىلىقىدىن جەمئىيەتتىكى بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپتە ئافرىقىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بار، ئۇلار جىنسىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئوچۇق ئاڭدا بولۇپ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
شۇڭا ھازىر پۈتۈن دۇنيادا، 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان توپقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇ خىل كېسەلنى ھازىر تىببى ئۇسۇل بىلەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولۇشى، ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى قوغدىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا- ئانىلار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە ئالىي مەكتەپتىكى تەلىم-تەربىيە قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.