28-نويابىر خەلق گېزىتى ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ بىلدۈردى: ما باۋگونى باش تېما قىلغان جېدەل يىغىشتۇرۇلۇشى كېرەك. چامباشچىلىق ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلسا، ما باۋگو جېدەلدىن ئۆزىنى چېكىندۈرۈشى لازىم. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرگە قارىتا، بالدۇر قول ئۈزۈش ئاقىلانە تاللاشدۇر، ئەكسىچە بولسا زىيان تارتقىنى تارتقان. 29-نويابىر bilibili، مىكروبىلوگ قاتارلىق تور سۇپىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ما باۋگو ۋەقەسى توغرىسىدا ماقالە يازدى.
ئۆزىنى «چامباشچىلىق ئۇستازى» دەپ ئاتىۋالغان ما باۋگو ئىسمى جىسمىغا لايىق بولمىغان سۆز ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، يېقىندا يەنە كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ۋىدېيو ئىشلەپ ئۇنى مەسخىرە-تەنقىد قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
لېكىن ئامما پىكرى قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يامان غەرەزدە تارقىتىش ئەھۋالى بارلىققا كەلدى. بۇ ئەھۋالنى ئۈنۈملىك توسۇش ئۈچۈن، نورمال مەسخىرە تەنقىد مەزمۇنلىرىدىن باشقا، مىكروبىلوگ پۇرسەتتىن پايدىلانغان يامان نىيەتتىكى تىجارەت خاراكتېرلىك تارقىتىش مەزمۇنلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ ھەم تەكشۈرىدۇ، ما باۋگونىڭ ئالاقىدار مەستانىلار توپى بولسا تارقىتىۋېتىلدى.
ئىگىلىنىشچە، تارقىتىۋېتىلگەن ما باۋگونىڭ «چىن سۆيگۈ مەستانىلەر توپى» يېقىندا ئېچىلغان بولۇپ، بەزى مەزمۇنلىرىنى ھەق تۆلىگەندىن كېيىن ئاندىن كۆرگىلى بولاتتى.
يېقىندا، ما باۋگو ئىسىملىك كىشى ئۆزىنى «خۇنيۇەنشىڭيى تەيجى گۇمپا غوجىدارى» دەپ ئاتاپ، كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك ۋەقە ھەم سۆز ھەرىكەتلىرى بىلەن توردا نامى چىقاردى. بۇ ئارىلىقتا، bilibili ئابونتلىرى بىرقانچە ۋىدېيو ئىشلەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، بۇ ناچار ئەھۋالنى تەنقىد قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز شۇنى بايقىدۇقكى، بەزى سودا ئورگانلىرى ما باۋگو ۋەقەسى قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، تارقىتىش ھەم ئېقىم مىقدارىدىن پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەكتە. بىز بۇنداق قىممەت قاراش ۋە ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز شۇنى بايقاپ قالدۇقكى، توردا تارقىتىش جەريانىدا، ما باۋگوغا بولغان تەنقىد ۋە مەسخىرە بارغانسېرى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ، قىممەت قاراش سۇسلاشماقتا، بۇ ئەسلى مەقسەتكە ماس كەلمەيدۇ.
شۇڭا بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاش،يامان نىيەتتە تارقاتقۇچىلارغا پايدىلىنىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئۈچۈن، bilibili شىركىتى بۈگۈندىن باشلاپ ما باۋگو توغرىسىدىكى ۋىدېيو مەزمۇنلىرىنى قاتتىق چەكلەيدۇ، تەكشۈرىدۇ ھەم باشقۇرىدۇ. ئابونتلارنى يېتەكلەشنى ئوبدان ئىشلەپ، تور سۇپىسىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ. ئابونتلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت.