كىچىك ئويناش ئۇسۇلى دائىم چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئۇيۇنى 2020252 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى «974» بۇلۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندى تەلەيگە يارىشا 26800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى( قۇشۇپ تارقىتىلغان 6000 يۈەن مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ئىگىلىنىشىچە، لى ئەپەندى بىر يەككە سودىگەر ئىكەن. بۇ يىل سودا ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ئۇ ھەر ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئېلىش قىلىدىكەن، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا لى ئەپەندىم ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 65290144 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، 3D يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىدىكەن. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا خىزمەت بېسىمىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادە بولغىلى بولىدىكەن.
10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، لى ئەپەندى 65290144 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 3D ئويۇننىڭ يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلدى، ئۇنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار ئىدى: ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ، تامدىكى زىچ 3D نومۇرلارغا قارىتا ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ نومۇر تاللاشنى ياخشى كۆرەتتى. لى ئەپەندى مۇنداق دېدى:« مەن بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا 3D ئۇيۇنى نۇمۇر يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، مال ساتقۇچى نومۇر يۆنىلىش خەرىتىسىنى رەتلىك، ئېنىق يېزىپ چىقىپ، لاتارىيەچىلەرگە ناھايىتى قولايلىق يارىتىپ بەردى. »-دېدى، نومۇر تاللاش تەسىراتى توغرىسىدا توختالغاندا، لى ئەپەندى مەن يېرىم كۈن تەتقىق قىلغانلىقىنى، شۇ كۈنىكى نومۇر«9» ۋە«4» چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىدى، ئاخىرىدا ئۇ« 9، 7، 4» ۋە« 9، 1، 4» دىن ئىبارەت ئىككى يەككە نومۇر تاللىدى، مۇكاپات چىقىش پۇرسىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، 20 ھەسسىلەپ دو تىكتى، ئويلىمىغان يەردىن ھەقىقەتەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىشى بىلەنلا، لى ئەپەندى 65290144 پارۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر ئۈندىدار توپى ئارقىلىق مۇكاپات نومۇرىنى بىلىپ، سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ 26800 يۈەن مۇكاپاتقا (قۇشۇپ تارقىتىلغان 6000 يۈەن مۇكاپاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ئىلگىرى لى ئەپەندىمۇ نەچچە قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولغاچقا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ئۇ ناھايىتى تەمكىن بولدى. مۇكاپات چىققاندىن كېيىنكى پىلانى توغرىسىدا سورالغاندا، لى ئەپەندى تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن مۇكاپات سوممىسى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.