11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدە «ئالتۇن دەۋر» تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، مىليونلىغان كاتتا مۇكاپات + BMW X3 لاتارىيەچىلەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرلەر كەينى ـ كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى، شىنجاڭ لاتارىيە بازىرى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.
«تۇرمۇش ھەمىشە خۇشاللىق بىلەن تولغان بولىدۇ، سىز كېيىنكى سېكۇنتتا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيسىز»، 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، لاتارىيەچى شياۋشا ۋە ئۇنىڭ دادىسى سانجى شەھىرى ساغلاملىق غەربىي يولى خۇڭشىن مەھەللىسىدىكى نۇسخىلاش دۇكىنىغا ماتىريال نۇسخىلاش ئۈچۈن كەلدى، نۇسخىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شياۋشا يان تەرەپتىكى 65238043 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى قىپقىزىل تەشۋىقات ئېلانىنى كۆردى، تەشۋىقات ئېلانىدىكى باۋما X3 ئۇنى ئىنتايىن جەلپ قىلدى. شياۋشانىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز بىر ئىش كەلدى ـ دە، دادىسىغا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ پائالىيەت لاتارىيەسىدىن بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى، دادىسى خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى.
پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاتا ـ بالا ئىككىيلەن بىر پارچىدىن «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىرىشقا باشلىدى. شياۋشانىڭ «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتى ناھايىتى تېزلا قىرىلىپ بولدى، ئۇ مال ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى:« بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئۈستىدە بىر كىچىك ماشىنا بەلگىسى بار ئىكەن، كىچىك ماشىنا بەلگىسى چىقسىلا BMW غا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟»-دەپ سورىدى، مال ساتقۇچى لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ، لاتارىيەدىكى «ماشىنا» دېگەن بەلگىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، دەرھال ھاياجانلانغان ھالدا شياۋشانىڭ ئىككى قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا:« مۇبارەك بولسۇن، سىزگە چوڭ مۇكاپات چىقتى، باۋما ئاپتوموبىل مۇكاپاتى!»-دېدى، شياۋشا سەل تېڭىرقاپ قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى چۈش كۆرگەندەكلا ئىدى، شياۋشانىڭ دادىسى لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ ئاندىن ئۆز ـ ئۆزىگە: ـــ «سولتەك، سەن راستتىنلا ئامەتلىك ئىكەنسەن!»-دېدى.
شياۋشا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى تېلېفون ئارقىلىق ئانىسىغا يەتكۈزىدۇ، بىراق شياۋشانىڭ ئانىسى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەي، ئالدىراپ-تېنەپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئىگەللىدى. شياۋشانىڭ ئاپىسى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ مال ساتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئالدى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەتىسى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.