تىيانشاندا يىلپىز يوق، ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە شىنجاڭ يوق

爱酷艺
2020-12-01
來源:优酷


、2020-مۇسابىقە پەسلى بولسا شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزىنىڭ جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى يەتتىنچى مۇسابىقە پەسلى. لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى بىرلەشمە باشلىنىپلا بىر مەيدانمۇ غەلبە قىلالماسلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، دەرىجە ساقلاش قوشۇمچە مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا خېيلۇڭجياڭ FC بىلەن ئوينالغان ھەل قىلغۇچ جەڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ھەم ئېچىنىشلىق بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكى مۇسابىقىدە ناھايىتى قالتىس بولدى، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا نۇقتا توپ جېڭىدە ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى سەھنىسىدىن خوشلاشتى.