ئورگان تورى: كرىستىيانو رونالدو 2020-يىللىق ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ يىللىق ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىغا مېسسى، كرىستىيانو رونالدو، چېللىنى، سالاھ، راموس، لېۋاندوۋىسكى، ئاگۈيرو، پىك، نېيمار، ۋىدال قاتارلىق توپچىلار نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن، ئاخىرىدا كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئالتۇن پۇت مۇكاپاتى 2003-يىلى تەسىس قىلىنغان، مونتېكارلو «دۇنيا چېمپىيون كۇلۇبى» ئۇيۇشتۇرغان پۇتبول ساھەسىنىڭ ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى، پەقەت 29 ياش ۋە 29 ياشتىن چوڭ توپچىلارغىلا، شۇنداقلا پۇتبول ساھەسىدە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن توپچىلارغىلا تارقىتىلىدۇ.
ئالتۇن پۇت مۇكاپاتى ساھىبلىرى: (تىرناق ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى يېشى)
2003-يىلى: باگگىيو (36 ياش)
2004-يىلى: نېدۋېد (32 ياش)
2005-يىلى: شېۋچېنكو (29 ياش)
2006-يىلى: چوڭ رونالدو (30 ياش)
2007-يىلى: پىئېرو (33 ياش)
2008-يىلى: روبېرتو كارلوس (35 ياش)
2009-يىلى: رونالدىنھو (29 ياش)
2010-يىلى: توتتى (34 ياش)
2011-يىلى: گىگىس (37 ياش)
2012-يىلى: ئىبراھىموۋىچ (31 ياش)
2013-يىلى: دروگبا (35 ياش)
2014-يىلى: ئىنېستا (30 ياش)
2015-يىلى: ئېتوئو (34 ياش)
2016-يىلى: بۇففون (38 ياش)
2017-يىلى: كاسىللاس (36 ياش)
2018-يىلى: كاۋانى (32 ياش)
2019-يىلى: مودرىچ (33 ياش)
2020-يىلى: كرىستىيانو رونالدو (35 ياش)