بايدېننىڭ «سالامەتلىكى» ئەسلىگە كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-02
來源:Baidu.com




ئامېرىكا «نيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى بايدېن ئىتى بىلەن ئويناۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ پۇت سۆڭىكىگە يېنىك دەز كەتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئاشكارا سورۇندا پەيدا بولغان. نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بايدېن شۇ كۈنى يارىلانغان پۇتىغا مەخسۇس پىيادىلەر ئۆتۈكى كىيىۋالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بايدېن شۇ كۈنى دېلاۋار ئىشتاتىدىكى ۋىلمىنگتون خانىش تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر قارا رەڭلىك SUVدىن چۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىر ئۇنىڭ تەسىراتىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوڭ تىزىنى كۆتۈرۈپ: «خېلى يامان ئەمەس، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت» دېگەن.