تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي): ئۇدا ئىككى كۈن قار تازىلاش ئارقىلىق،ئۈرۈمچىدە 130 مىڭ توننا يىغىلىپ قالغان قار شەھەر سىرتىغا يۆتكەلدى،يول يۈزىنى مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 750 توننا تېيىلىشتىنساقلىنىش ماددىي ئەشياسى نەقلەشتۈرۈلدى.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى،مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىداقار يىغىپ، يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى 11 سانتىمېتىردىن ئاشقان. ئۈرۈمچى شەھىرى1600دىن ئارتۇق قار تازىلاش ئۈسكۈنىسى، 20 مىڭدىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىسى، 10مىڭدىن ئارتۇق جەمئىيەت خادىمى قار تازىلىغان، تېز تازىلاش، تېز يۆتكەش، بىرياقتىن تازىلاپ بىر ياقتىن يۆتكەش مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىلىپ، قارنىڭ يولدايىغىلىپ قېلىپ قاتناشقا تەسىر كۆرسەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەنبىللە، كۆۋرۈك ئەگمىسى، يانتۇ يول، باغلىما يول قاتارلىق ئاسان مۇز تۇتىدىغان يولبۆلەكلىرىدە تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئالدىن تەييارلانغان.
قار مىقدارى كۆپ، يېغىشۋاقتى ئۇزۇن بولۇشقا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى جىددىيئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش مەركىزى(شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقىئالاھىدە مەشغۇلات مەركىزى) قار ياغقان ھامان تازىلاش ھەم توشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋاقتىدا تازىلىدى. ئۈرۈمچىشەھەرلىك شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىنقۇتقۇزۇش مەركىزى(شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە مەشغۇلات مەركىزى) تازىلىقئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جيەنشى مۇنداق دېدى: بىز 240تىن ئارتۇق قار تازىلاش ئاپتوموبىلىنى ئىشقا سېلىپ، 4 مىليون450 مىڭ كىۋادرات مېتىر يولدىكى قارنى تازلىدۇق.
كېيىنكى قار تازىلاشخىزمىتىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشئىدارىسى) مۇھىت تازىلىقى باشقارمسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى تاۋ مۇنداى دېدى: ئالدىبىلەن يىغىلىپ قالغان قارلارنى شەھەردىن تېزدىن تازىلاپ چىقىرىپ، يول قاتنىشىنىڭراۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىيادىلەر يولى،كوچىلاردىكى قارلارنى تازىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ئالدىنىئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، يولنىڭ مۇز تۇتۇپكېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىدۇ.