« قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى خۇشاللىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ قوش رەڭلىك توپ بازىرىغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەخت خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلدى. 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020114-قارار قىزىل توپ نۇمۇر 01،05،11،24،30،32 بولدى، كۆك توپ نۇمۇرى 03 بولدى، سانجى شەھىرى 65230144 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى مۇكاپاتى تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتى ۋە 1 ـ دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 7192942 يۈەن بولدى، بۇ خۇشخەۋەر كەڭ تارقالدى. 65230144 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى خۇشاللىق بىلەن لوزۇنكىلارنى ئېسىپ، كۆپچىلىككە مۇكاپات چىققان خۇشاللىقنى يەتكۈزدى.
كۆپچىلىك بەس ـ بەستە كىمنىڭ شۇنچە تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى قىياس قىلغاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى مۇكاپاتنى ئېلىپ بولغان ئىدى. 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيە ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئورنىدا پەيدا بولدى ۋە ئۆزىگە تەۋە بولغان كاتتا مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچىنىڭ فامىلىسى مېي ئىكەن. مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، مېي ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: « شۇ كۈنى كەچتە، < قوش رەڭلىك توپ> مۇكاپات ئېچىلغان كېيىن، مەن شۇ ۋاقىتتىلا سېلىشتۇرمىدىم، بەلكى ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە دوستۇمدىن كەلگەن تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزەمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلدىم، دوستۇم ماڭا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققانلىقىنى ۋە دەرھال لاتارىيە بېلىتىنى تەكشۈرۈپ كۈرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى ، يەنە شۇ قارارلىق < قوش رەڭلىك توپ> مۇكاپات نومۇرىنى ئەۋەتتى.»-دېدى.
سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، مېي ئەپەندىنى قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان بەش دو « قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنىڭ تۆتىنچىسى شۇ قارار مۇكاپات نومۇرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، بىرقانچە قېتىم سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن. مېي ئەپەندى:«مەن بىرىنچى بولۇپ ئۆيدىكىلەرگە 7 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى ئېيتتىم، لېكىن ئۇلار ئىشەنمىدى، مېنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندىلا، ئۇلار ئاندىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمگە ئىشەندى.»-دېدى.
خىزمەتچى خادىملار قىزىقىپ مېي ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى سىرى نېمە دەپ سورىغاندا، ئۇ پەقەت: « چىڭ تۇرۇش» دېگەن سۆزنىلا قىلغان. ئەسلىدە، مېي ئەپەندىنىڭ« قوش رەڭلىك توپ» سېتىۋالغىنىغا تۆت يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بەش دو نومۇرنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغان، ئاساسىي جەھەتتىن ھەر قارار سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقان ئىدى، گەرچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما داۋاملاشتۇرۇپ ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، ئىزچىل ۋاز كەچمىگەن، ئۇ بۇ سانلارنىڭ چوقۇم ئۆزىگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن.
مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندا، مېي ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن خىزمەتچى خادىملارغا:« مۇكاپات چىقمىغاندا مۇكاپات چىقسا نېمە ئىش قىلىشنى بۇرۇنلا ئويلىشىپ بولغان، بۇ قېتىم مۇكاپات چىقتى، ئەكسىچە نېمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. مەن ئالدى بىلەن تۇرمۇش سۈپىتىمنى ئۆستۈرۈشنى، ئۆزۈمنىڭ ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.