بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ۋەندا مەركىزىي شەھەر توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد ئاتلېتكىدىن ماركوس لىئورېنتىنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن فېلىكس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مادرىد ئاتلېتكىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېندىن زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن توماس مۇللېر، مۇسابىقە باشلىنىپ 86 مىنۇت بولغاندا، ئۆزى نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېن بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى مادرىد ئاتلېتكا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، كوررېئانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدىمۇ كوررېئانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى ئوخشاشلا توسۇۋالدى، كوكېنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، سانېنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مادرىد ئاتلېتكىدىن گىمېنېزنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، كاراسكونىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 26 مىنۇت بولغاندا، مادرىد ئاتلېتكا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇم تەشكىللەپ لىئورېنتىنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن فېلىكس قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، مۇسىيالانىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇم تەشكىللەپ، لىئورېنتىنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مادرىد ئاتلېتكىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مادرىد ئاتلېتكا يەنە ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ماركوس لىئورېنتىنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، فېلىكسنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، موتىڭنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، بايرېن مىيۇنخېن كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدا تەڭشەش ئېلىپ باردى، مادرىد ئاتلېتكىدىن گىمېنېز يارىلىنىپ مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 86 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مېھمان مەيداندىكى بايرېن مىيۇنخېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، بايرېن مىيۇنخېن ھۇجۇم تەشكىللەپ، توماس مۇللېرنى قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسى تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، توماس مۇللېر نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇم تەشكىللەپ، ھېرموسونىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېن بىلەن تەڭلىشىپ، رەقىبىنىڭ ئۇدا مەغلۇپ بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆز گۇرۇپپىسىدا يەنىلا ئىككىنچى ئورۇننى ساقلىدى.