چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى توپچىلار

ئەلكۈيى تورى
2020-12-02
來源:تېڭشۈن تورى

تاراتقۇلار يېقىندا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى توپچىلارنى تىزىپ چىققان بولۇپ، دورتمۇند ھۇجۇمچىسى خالاند ھەر مەيداندا 1.33 توپ كىرگۈزۈشتەك قالتىس ئۈنۈمى بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان، تەپسىلىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

1. خالاند: سالزبۇرگ ۋە دورتمۇندقا ۋاكالىتەن ھازىرغىچە 12 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 1.33 توپ.

2. خاررى كېن: توتېنھامغا ۋاكالىتەن ھازىرغىچە 24 مەيدان مۇسابىقىدە 20 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.83 توپ.

3. مېسسى: بارسېلوناغا ۋاكالىتەن ھازىرغىچە 146 مەيدان مۇسابىقىدە 118 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.81 توپ.

4. رۇفېر: كەسپىي ھاياتىدا 10 مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.80 توپ.

5. ۋان نىستېلرول: كەسپىي ھاياتىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد قاتارلىقلارغا ۋاكالىتەن 73 مەيدان مۇسابىقىدە 56 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.77 توپ.

6. كرىستيانو رونالدو: مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد ۋە يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ھازىرغىچە 172 مەيدان مۇسابىقىدە 131 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.76 توپ.

7. لېۋاندوۋىسكى: دورتمۇند ۋە بايرېن مىيۇنىېنغا ۋاكالىتەن ھازىرغىچە 94 مەيدان مۇسابىقىدە 71 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.76 توپ.

8. بېن يېددېر: كەسپىي ھاياتىدا سېۋىللاغا ۋاكالىتەن 14 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.71 توپ.

9. سولدادو: كەسپىي ھاياتىدا خانلىق مادرىد ۋە ۋالېنسىيەگە ۋاكالىتەن 23 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.70 توپ.

10. ئىكاردى: ھازىرغىچە خەلقئارا مىلان ۋە پارىژ سانت گېرمانغا ۋاكالىتەن 13 مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 0.69 توپ.