سىز يوق ھەر بىر كۈنۈمدە، سىز بولمىغان ھەر بىر كېچىلىرىدە سىزنى سېغىندىم. سىز بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىلەرنى، سىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر نەرسىلەرنى كۆرگەندە سىزنى سېغىندىم. ئەتىگىنى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئورنۇمدىن تۇرغاندا، مەيلى ھاۋا ئوچۇق بولسۇن، ياكى يامغۇر ياغسۇن، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم. لېكىن مەن سىزنىڭ مېنى سېغىنغان-سېغىنمىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن.
مەن دائىم ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي سىزنى سېغىنىمەن، سىز بىلەن بىللە يېگەن تاماقلارنى يېگەندە، سىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە سىزنى سېغىندىم. بىللە ماڭغان كوچىلارغا قەدەم باسقىنىمدا، كىيىم دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ سىزگە ماس كېلىدىغان كىيىمنى كۆرگەندە سىزنى سېغىندىم. خۇشال بولمىغاندا سىزنى سېغىنىمەن. خۇشال بولغاندا سىزنى تېخىمۇ سېغىنىمەن. سىز ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن كاللامدا دائىم پەيدا بولىسىز، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن.
سىزنىڭ كۈلگىنىڭىزنى، مېنى كۈلدۈرگەنلىرىڭىزنى، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭىزنى، مېنى تۇيۇقسىز ئىزدىگەنلىرىڭىزنى ئويلىساملا كۈلىمەن، قانداقلا بولمىسۇن سىزنىڭ ھەر بىر پەيىتلىرىڭىزنى ئويلىساملا كۈلۈپ كېتىمەن، خۇددى بىر ئەخمەقتەك ئۆزۈمنىڭ نېمىگە كۈلۈۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن. سىز بىر تاسادىپىيلىققا ئوخشايسىز، ئويلىمىغان يەردىن مىنىڭ دۇنيارىمغا بۆسۈپ كىردىڭىز، مىنىڭ بارلىق تۇرمۇشۇم قالايمىقانلىشىپ كەتتى، مەن ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ مېنى بۇنداق ئۆزگەرتىۋېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان، بۇ ئۆزگىرىشتىن چەكسىز خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. مەن ئاللىقاچان بۇنداق تۇرمۇشنى ئۆز يولىغا قويۇۋېتىپ ياشاشقا كۆنۈپ قالدىم، گەرچە مەن بۇنداق تۇرمۇشتىن بىزار بولساممۇ، پەقەت قوبۇل قىلىشنىلا تاللايمەن. لېكىن ياخشى يېرى، مەنىسىز تۇرمۇش سىز بولغاندىن كېيىن، مەن پۈتۈنلەي ئۆزگەردىم. مەنمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، ھازىر سىز ماڭا نىسبەتەن زادى قانچىلىك مۇھىم، سىزنىڭ يېنىمدا بولۇشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن، بۇ خىل ئوي بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، مەن بۇنى بارا-بارا تونۇپ يەتمەكتىمەن. ئالدىنقى بىر سېكۇنتتا ئۆزۈمگە بۇلارنى دەپ بەرسەممۇ بەرىبىر، كىيىنكى بىر سېكۇنتتا بارغانسېرى بۇ خىل ئويغا تېخىمۇ پېتىپ قالىمەن. ئالدىنقى بىر سېكۇنتتا ئۆزۈمگە بۇنداق قىلما دەپ نەسىھەت قىلغان، كىيىنكى بىر سېكۇنتتا بۇرۇلۇپلا ئالدىنقى سېكۇنتتىكى گېپىمنى ئۇنتۇپ قالدىم. سىز بار تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن، بۇ خىل ئادەت مېنى سىزنى تېخىمۇ سېغىنىدىغان قىلىپ قويدى.
يالغۇزلۇق ھېس قىلغاندا سىزنى بەكمۇ سېغىنىمەن، مەن ئەزەلدىن سىزگە سىزنى سېغىندىم دەپ باقمىغان، لېكىن سىزنى سېغىنغىنىم راست. بۇرۇن ماڭا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى ھېچ قانداق تۇيغۇ ئاتا قىلالمايتتى، ھازىر مەن باھارنى ياخشى كۆرمەيمەن، كۈزنى ياخشى كۆرمەيمەن، قىشنىمۇ ياخشى كۆرمەيمەن. مەن پەقەت يازنىلا ياخشى كۆرىمەن.
چۈنكى سىز بىلەن تونۇشقان ۋاقىت ياز پەسلى ئىدى.
ئادەم ئۆزگىرىدىكەن، خۇددى مەن سىزدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندەك. ئەمەلىيەتتە بەزىدە مەنمۇ سىزنى سېغىنغانلىقىمنى ياكى ھاڭۋېقىپ قالغانلىقىمنى ئايرىيالمايمەن. سىزنى سېغىنغاندا بەلكىم ھاڭۋېقىپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن، ھاڭۋىقىپ قالغان چاغدا بەلكىم سىزنى سېغىنغان بولۇشۇم مۇمكىن. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا سىزنى سېغىنىمەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە سىز. مەن سىزنىڭ زادى قانداق مەۋجۇت ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن. لېكىن سىزنىڭ پەيدا بولۇشىڭىز خۇددى بىر چىراغقا ئوخشايدۇ، مىنىڭ پۈتۈن دۇنيارىمنى يورۇتتى، ھەم سىزنىڭ پەيدا بولۇشىڭىز بىلەن ئەسلى تۇتۇق ھاياتىم پاللىدە ھال رەڭگە ئۆزگەردى.
سىزدە بىر خىل سېھرىي كۈچ بار، شۇ سېھرىي كۈچ ماڭا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلايدۇ، بۇرۇن مېنىڭ خالىغانچە ئادەم بولغۇم بار ئىدى. لېكىن سىز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن مىنىڭ تولۇق نومۇرلۇق ئادەم بولغۇم بار.
يېزىپ بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە سىزنى سېغىنىشقا باشلىدىم.
مەن سىزنى ئۇچراتقىنىم ئۈچۈن بەك تەلەيلىك.
سېغىنغىنىمنى قەلبىمگە پۈكىمەن، سىز مېنىڭ قەلبىمدە…