شىنجېندا بىر بىمار بايقالدى

爱酷艺网
2020-12-02
來源:腾讯

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: شېنجېن شەھىرى لوخۇ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مىكرو بىلوگىنىڭ 2-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لوخۇ رايونى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-دېكابىر، شېنجېندا يېڭىدىن بىر يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارى كۆپەيگەنلىكىنى، بىمارنىڭ پورت تەۋەلىكىدىكى شېنگاڭ چېگرا ھالقىغان يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ كېسەللىك مىسالىدىكى ياڭ XX نىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى لوخۇ رايونى جۇگاڭ كەنتىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى 146 كورپۇس بولۇپ، ياڭ XX ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە مەركەزلەشتۈرۈپ ئايرىش مېدىتسىناسى بويىچە كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، يا XX-نىڭ 2-چىسلا يەنى بۈگۈن كەچتىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرغۇچىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان.

كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1. لوخۇ رايونى جۇگاڭ كەنتىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئولتۇراقلاشقان شەھەر ئاھالىلىرى« تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، يادرو كىسلاتاسىنى تەرتىپلىك تەكشۈرۈش كېرەك.

2. يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن، يۇقىرىدا دېيىلگەن رايوندىكى شەھەر ئاھالىسى دوستلار ۋاقتىنچە سىرتقا چىقماسلىقى، يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرگە ۋاقتىنچە قاتناشماسلىقى، شەخسىي كۈندىلىك قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى، ئەگەر مۇۋاپىق بولمىسا ۋاقتىدا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە داۋالىنىشى كېرەك.

DF00D3D003A0AC867C741FD3CBD052585E286DD4_w700_h393.png


«ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى» نى يانفۇنىڭىزغا چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىز ، ئۈندىدار ئارقىلىق كۆرىشىڭىزنى ھاجىتى يوق ، بىر تەرەپتىن   ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاچ يەنە بىر تەرەپتىن «ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى» نى ئېچىپ قويۇپ كۆرەلەيسىز، قولايلىق ، تېز ، قايتا كۆرۈش ئارزۇيىڭىزغا يىتەلەيسىز ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ۋىدىئولۇق مەزمۇنلارنى «ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى» دىن كۆرەلەيسىز.

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ