شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بايدېن كىچىك كارخانا ئىگىلىرى قاتناشقان توردىكى يىغىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: 12-ئاي يۇقۇم كەڭ تارقالغاندىن بۇيانقى ئەڭ مۈشكۈل مەزگىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ھازىردىن باشلاپ 1 ـ ئايغىچە، بىز يەنە 250 مىڭ ئادەمدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن». بۇ سان ئامېرىكا سەھىيە ئەمەلدارىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل ۋە دوختۇرخانىدا ياتقان ئادەم سانىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان مۆلچەرىدىن تېخىمۇ كۆپ.
بايدېن يەنە ئامېرىكا خەلقىنى روژدېستۋا بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقماسلىقىغا دەۋەت قىلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ يىلقى مىننەتدارلىق بايرىمى مەزگىلىدە كەمتەرلىك بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پەقەت يېقىن ئەتراپتىكى ئايالى، قىزى ۋە كۈيئوغلى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئائىلىسىدىكى باشقا ئەزالار بىلەن تور ئارقىلىق ئىكران يۈزىدە كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.
2-چېسلا ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى روبېرت رەدفېلد (Robert Redfield)نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىدا 12-ئايدا يۇقۇم بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ يەنە: «كەلگۈسى ئۈچ ئايدا ئامېرىكىدا 450 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئامېرىكا ئاممىۋى سەھىيە تارىخىدىكى ئەڭ قىيىن مەزگىل» دېدى. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى سكات گوتلېب 29-چېسلا، 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، %30 ئامېرىكىلىق مەلۇم ۋاقىتتا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدى.