دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىدا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەل 17 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەل 15 (شاڭخەي 9، فۇجيەن 2، خېنەن 2، شەندۇڭ 1، گۇاڭدۇڭ 1) ، يەرلىك كېسەل 2 (ھەممىسى ئىچكى موڭغۇلدا) ؛ يېڭىدىن قازا قىلغانلار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل بىر، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەل (شاڭخەيدە) ئىكەن.
شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 12 گە، تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغان زىچ ئۇچراشقىنى 429 غا يەتتى، ئېغىر كېسەللەر ئالدىنقى كۈندىكىدىن بىرى ئازايدى.