ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى دىڭجېننى تىلغا ئالدى، ھەممەيلەن ئۇنى دەسلەپتە ئالاقە تورىدىكى يېڭى داڭلىق شەخس دەپ قارىغان. ھەممە نەرسە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ دەۋردە، تورداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قارشى ئېلىنىشىنى پەقەت ۋاقىتلىق، ئۇزاق ئۆتمەي جىمىپ كېتىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقان، لېكىن ئۇ توردىكى ئاتالمىش داڭلىق شەخسلەر شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاشنى تاللىمىغان، كۆپ ساندىكى بىر كېچىدىلا چولپان بولۇپ كەتكەن ئالاقە تورىدىكى داڭلىق كىشىلەر ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە، دىڭجېن بىر دۆلەت كارخانىسىنى تاللاپ يۇرتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى. دىڭجېننىڭ بۇ تاللىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.
دىڭجېننىڭ تورداشلارغا بەرگەن دەسلەپكى تەسىرى ئۇنىڭ سەبىي كۈلكىسى ۋە سۈزۈك كۆزى ئىدى. شېرىنلىق بىلەن ياۋايىلىق ئۇنىڭ چىرايىدا مۇكەممەل بىرىكىش ھاسىل قىلغان، ئۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى دەل ئۇنىڭ ئاددىي ـ ساددا بولغان ياش روھىدا بولۇشى مۇمكىن.
دىڭجېن 2000-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ 2020-يىلى توردا مودا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان. بەزىلەر ئۇنىڭ مودا بولۇشىنى بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىق دەيدۇ. راست، ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق مودا بولغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇ نام چىقارغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان. دىڭجېن يۇرتى ئۈچۈن نۇرغۇن تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بېرەلىگىنىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ يۇرتى سىچۈەن لىتاڭ بولۇپ، لىتاڭ دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كىلىماتى ئەڭ ناچار، شارائىتى ئەڭ جاپالىق ناھىيەلىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا نامراتلىققا قايتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمنىڭ بوشاشماي تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.
دىڭجېننىڭ 10 سېكۇنتلۇق ۋىدېيوسى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، ئۇنىڭ قارشى ئېلىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. يەرلىك ھۆكۈمەت چوقۇم دەسلەپكى مەزگىلدە تولۇق تەييارلىق قىلغان ھەمدە نۇرغۇن مەبلەغ توپلىغان. ئىزدىنىش جەريانىدا، رايونلۇق ھۆكۈمەت پۇرسەتنى توغرا تۇتۇپ، ئاقما نوپۇسنى كۆپەيتىپ، بۇ رايوندىكى خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىنى تاپقان.
نامراتلارنى يۆلەش تىلغا ئېلىنسا، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ قېتىم دىڭجېن تۇيۇقسىز ئالقىشقا ئېرىشىپ، سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى ھەمدە توغرا ئۇسۇل بويىچە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى.
ئىككى كۈن ئىلگىرى خۇا چۈنيىڭ دىڭجېنغا ئۇدا ئۈچ قېتىم تېلېفون قىلىپ، بۇ سەبىي يىگىتنى قوللىغان. مېنىڭچە ئۇ دىڭجىننى قوللاپلا قالماي، يەنە دىڭجېننىڭ كەينىدە داۋاملىق تىرىشىۋاتقان سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى قوللىغان. ئۇلار نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشقا ئىزچىل تىرىشىپ كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش كەم بولسا بولمايدۇ.