2020-يىل ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. يىل ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى بەزى ئىشلارنى بېجىرىشتىكى ئاخىرقى ۋاقىت چېكى توشاي دەپ قالدى، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بېجىرىۋېلىشىمىز كېرەك. يىللىق دەم ئېلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش... بۇ ئىشلار ھوقۇق-مەنپەئەتىمىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ.
1.يىللىق دەم ئېلىشنى ئادەتتە شۇ يىلى ئېلىش كېرەك، ئەگەر دەم ئالالمىسا ھەق تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 5-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەرقايسى ئورۇنلار ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشچى خىزمەتچىلەر دەم ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىغا قارىتا، ئورۇنلار شۇ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ كۈندىلىك مائاش كىرىمىنىڭ %300ى بويىچە يىللىق دەم ئېلىش مائاشى بېرىشى كېرەك.
ئادەتتە، يىللىق دەم ئېلىش شۇ يىلى ئېلىنىشى كېرەك، لېكىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى كېيىنكى يىلى دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، كېيىنكى يىلى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ
2.داۋالىنىش خىراجىتى ئاتچوت قىلىنىدىغان ۋاقىت قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئاتچوت قىلىنماسلىقى مۇمكىن
يىل ئاخىرى يېقىنلىشىپ قالدى، نۇرغۇن جايلار شۇ يىللىق كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىشنى مەركەزلىك بېجىرىشكە باشلىدى.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش ۋاقىت چەكلىمىسى توغرىسىدا، جايلارنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشىمايدۇ.
بېيجىڭنى مىسالغا ئالساق: ھەر يىلى 20-دېكابىر (ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا كەينىگە سۈرۈلىدۇ) دىن بۇرۇن شۇ يىلى 15-دېكابىردىن بۇرۇن سەرپ قىلىنغان داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: 15-دېكابىردىن 31-دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا سەرپ قىلىنغان داۋالىنىش خىراجىتىنى كېيىنكى يىلى 20-يانۋار (ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا كەينىگە سۈرۈلىدۇ)دىن بۇرۇن راسچوت قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ھەر يىلى 31-دېكابىر شۇ يىللىق داۋالىنىش خىراجىتى ھېساباتى بوغىلىدۇ.
ئالاقىدار كونكرېت ئىشلارنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى كادىرلار تارماقلىرىدىن ئىگىلەڭ.
3.ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرۈش يىل ئاخىرىغا بەكرەك مەركەزلىشىپ قالىدۇ!
ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
شۇڭا، يىل ئاخىرى ھەم ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈش مەركەزلىشىپ قالىدىغان ۋاقىت بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرۈش بىر تۈرلۈك زۆرۈر تەكشۈرۈش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
يېقىندا، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، 20-نويابىردىن باشلاپ، ئالتە يىل ئىچىدىكى 9~7 كىشىلىك كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (مىنىبۇس بۇنىڭ سىرتىدا) تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
4.يىللىق مۇكاپات ئالغىلى بولامدۇ-يوق؟
يىللىق مۇكاپات تارقىتىش توغرىسىدا قانۇندا قاتتىق بەلگىلىمە يوق. ئەمما، ئەمگەك توختامىدا ئېنىق بەلگىلىمە بولسا ياكى ئورۇنلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىدە يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپات توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بولسا، ئورۇنلار پۈتۈشكىنى ياكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىشى كېرەك.
ئەگەر ئەمگەك توختامى ياكى شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىدە يىللىق مۇكاپات توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسا، ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ئاپپاراتى ياكى سوت مەھكىمىسى ئادەتتە ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، خىزمەتتىن ئايرىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتە يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى قوللايدۇ.
5.ئىشسىزلار يەنە بۇ پۇلنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار
«ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى نىزامى»غا ئاساسەن، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالسا بولىدۇ: (1) بەلگىلىمە بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، ئىدارىسى ۋە ئۆزى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغىنىغا بىر يىل توشقان بولسا؛ (2) ئۆز ئارزۇسىدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئىشتىن توختاپ قالغانلار؛ (3) ئىشسىزلىقىنى تىزىملاتقان ھەمدە خىزمەت ئىزدەش تەلىپى بارلار.
ئىشسىزلار كىملىكى ياكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ.